2007.11.09

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ خىزمەتلىرى ھازىر ئاسىيادىمۇ، ياۋروپادىمۇ ئوخشىمىغان سەپ ۋە ئوخشىمىغان نۇقتا بۇيىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم ھازىر ياپونىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن زور پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ دولقۇن ئەيسا قاتارلىق بىر نەچچە قۇرۇلتاي ھەيئىتى شىۋىتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ھازىر شىۋىتسىيىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.