ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل يېقىندا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن 23-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزلىرىنىڭ «ئامېرىكادىن ھەمبەھىرلىنىش» سەھىپىسىدە مەخسۇس نۇرى تۈركەل ھەققىدە خەۋەر بەرگەن.
خەۋەردە ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنىڭ بىرىدە دۇنياغا كەلگەن نۇرى تۈركەلنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1995-يىلى ئامېرىكاغا ئوقۇشقا كەلگەنلىكى ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات مۇساپىسى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈلىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئامېرىكادا قانۇن پەنلىرىدىن ئۇنۋان ئالغان تۇنجى ئۇيغۇر ئادۋوكات بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى، لاگېرلار مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ.
خەۋەردە نۇرى تۈركەلنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىغا كومىسسار بولۇپ تەيىنلىنىشىنى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىلگەن كۈچلۈك سىگنال. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش قىلمىشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتۇر» دەپ كۆرسىتىلىدۇ.
نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتىكى زىيارەت جەريانىدا ئۇلارغا سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر داۋاسىدا جۇغلىغان تەجرىبىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمىتى ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئاۋازى ئۆچۈرۈلگەن بىر خەلق ئۈچۈن سۆزلەش كىشىگە تولىمۇ ھۇزۇر بەخش ئېتىدىغان بىر خىزمەت» دەيدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، نۇرىي تۈركەل ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن سەھىپە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنياغا ئامېرىكا ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغان ئالاھىدە كۆزنىكى ئىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى