ھەپتىلىك خەۋەرلەر رابىيە خانىم ئەركىنلىك جەڭچىسى دەپ تەرىپلەندى
رابىيە قادىرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تەسىرى ئاشماقتا، 21- فېۋرال كېنى ئامېرىكا دېلەت مەجلىسى كۇتۇپخانىسى ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن، كوممۇنىستىك تۈزۈمگە قارشى كۆرەش قىلىپ غەلىبە قىلغان دېموكراتىيە جەڭچىسى، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋەلنى «دېموكراتىيىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى» ئۈچۈن مۇكاپاتلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ باشلىقى گرەشمان ئەپەندى رابىيە خانىمنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ سۆزگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ ۋاسلاۋ خاۋەلنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچېن كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاسلاۋ خاۋېل رابىيە قادىرنى دۇنيادىكى مەشھۇر سەككىز ئەركىنلىك جەڭچىسىنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەپ يۇقىرى باھا بەردى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى تۈركىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىر قىسىم دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىر قاتار ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ يول يورۇقىغا بىنائەن، د ئۇ ق نىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئېممىكى 21 – فېۋرال كېنى تۈركىيە پارلامېنتىغا بېرىپ، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياشار ياقىش ئەپەندى، پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سادىق ياقۇت ئەپەندى قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم رەھبەرلەر كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
خىتاينىڭ سابىق رەھبىرى دېڭ شاۋ پىڭنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئون يىللىقى جىمجىت ئۆتكۈزۈلدى
خىتاينىڭ سابىق رەھبىرى دېڭ شاۋ پىڭ 1997-يىلى ئۆلگەن ئىدى. مانا بۇ يىل ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ئون يىل توشتى. بىراق، ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، دېڭنىڭ ئۆلۈمىنىڭ 10 يىللىقى جىمجىت ئۆتكۈزۈلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھەر يىل دېڭ شاۋ پىڭنىڭ ئۆلۈمىنى داغدۇغىلىق مۇراسىملار بىلەن خاتىرىلەيدىغان خىتايدا بۇ يىل ھېچقانداق مۇراسىم ئۆتۈزۈلمىگەن ئۆتكۈزۈلمىگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەقەتلا دېڭ شاۋ پىڭنىڭ تۇغۇلغان جايى بولغان سىچۇئە|ن ئۆلكىسىنىڭ گۇانگەن شەھىرىدە بىر نەچچە خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
ماۋزېدۇڭنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن دېڭ شاۋ پىڭ، 1997 – يىلى 19- فېۋرال 92 ياشتا ۋاپات بولغان.
قىرغىزىستاندا مۇرات ناسىروپ خاتىرىلەندى
قىرغىزىستاندا ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى ۋە ناخشىچىسى مۇرات ناسىروپنىڭ 40 نەزىرىسى بېرىلدى. بۇ پائالىيەتنى ئىتتىپاق ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر مەشھۇر ئوغلانىنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىدىن تولىمۇ ئېچىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى روزى مۇھەممەد ئابدۇلباقى ئەپەندى مۇرات ناسىروپنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
مۇرات ناسىروپ 19-يانۋار كېنى موسكۋادا سىرلىق ھالدا قازا قىلغان ئىدى.
ئىككى مەدەنىيەت ئەربابى ۋاپات بولدى
مۇرات ناسىروپنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيىلەر بىلدۈرۈلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە يەنە 19-فېۋرال كېنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئاۋاز ۋە تېلېۋىزىيە ئارتىسى، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئېغىر كېسەلگە قارشى كۆرەش قىلىپ، كىشىلەرگە ھاياتلىقىنى قەدىرلەش ۋە سۆيۈش، ھاياتقا ئۈمىدۋار بولۇش تەربىيىسى بېرىپ، كەڭ خەلق ئارىسىدا ياخشى تەسىرات قالدۇرغان 40 ياشلىق مۇنەۋەر ئابلەت ۋاپات بولدى. ئارقىدىن 22- فېۋرال كېنى كۆزگە كۆرۈنگەن، ئۆتكۈر مۇلاھىزە پىكىرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى تەربىيىلەش يولىدا قەلەم تەۋرەتكەن 43 ياشلىق ئەدىپ ۋە مائارىپ پائالىيەتچىسى مۇختار قادىر ھونزادە مەكىت ناھىيىسىدە تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى. بۇ ئىككى نەپەر ياش مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلار جۈملىدىن ياشلار ئارىسىدا كۈچلۈك قايغۇ ئىنكاسلىرى قوزغىغانلىقى مەلۇم.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان مەتبۇئات ئىشلىرىغا ياردەم بەرمەكچى
ئۆزبېكىستان ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلەشتۈرۈپ قويغاندىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلمەكتە.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستاننىڭ «مەتبۇئات ئەركىنلىكى» خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىش باشلىغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر مىليون 300 مىڭ دوللار ئاجرىتىپ، مىڭدىن ئارتۇق ئۆزبېكىستانلىق ئاخبارات خادىمى، ھۆكۈمەت باياناتچىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس تەربىيىلەپ بېرىدىكەن.
ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرى راۋاجلىنىشقا ئەگىشىپ، ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۆزبېك تىلىدا ئاڭلىتىش بۆلۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش قارار قىلىنغان.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېني ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلدى
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېيني ئۆتكەن ھەپتىدە ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى بىلەن چارشەنبە كېنى توكيودا سۆھبەتلەشكەندە ئىككى دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىنىڭ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنىڭدەك ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئورتاق يوسۇندا، خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە كېچىنى تېز سۈرەتتە ئاشۇرۇش مەسىلىسىنى كۆزىتىش ھەمكارلىقى ئورنىتىشقا قوشۇلغان.(ئۈمىدۋار)