2007.01.12
رابىيە قادىر خانىم ›پامىر تاغلىرىدىكى تېررورچىلار بازىسى‹ دېيىلگەن دېلونى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى
ب ب س ئاگېنتلىقى ۋە خىتاي خەۋەر تورلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى پامىر تاغلىرىدا «تېررورچىلارنىڭ مەشىق لاگېرى» تارمار قىلىنىپ، قارشىلىق كۆرسەتكەن 18 نەپەر تېررورچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 17 سىنىڭ تۇتۇلغانلىقى، 22 دانە قول بومبىسى، 1500 دىن ئارتۇق قول بومبا سەپلىمىلىرى قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە قالغان تېررورچىلارنىڭ قوغلاپ تۇتۇلۇشقا باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، «پامىر تاغلىرىدىكى تېررورچىلار بازىسى» دېيىلگەن دېلونى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىئۇ جەنچاۋ پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىرنىڭ دېلو ئۈستىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە ئائىت سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇنى رەت قىلىش پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىدى.
پامىر ئېگىزلىكىدە يۈز بەرگەن ۋەقە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تېخى ھازىرغىچە ۋەقەنىڭ جەريانى، ئېنىق ئورنى ۋە باشقا كونكرەت مەسىلىلەر ئېلان قىلىنمىغان. ئۆلتۈرۈلگەن ۋە قولغا چۈشكەن ئادەم سانىنىڭ جىق بولۇشى ۋە قولغا چۈشۈرۈلگەن قورال-ياراقلارنىڭ بولماي، پەقەت ئازراقلا قول بومبىسىنىڭ بولۇشى خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇنىڭ سىرلىق بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نۇر بەكرىنىڭ رابىيە قادىر ھەققىدىكى سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى
1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرى نۇر بەكرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ » ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى» دەپ ئاتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، باياناتچىسى دىلشات رېشىت قاتارلىقلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئانىسى» دەپ ئاتاش «بىمەنىلىك» دېيىش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغانلىقىغا رەددىيە بەردى. نۇر بەكرىنىڭ بۇ سۆزلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى قوزغىدى. دولقۇن ئەيسا ۋە دىلشات رېشىت نۇر بەكرىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆز دوكلاتىدا خىتاينى تەنقىد قىلدى
مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 11-يانۋار كۈنى 2006 – يىلدىكى يەر شارى كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى ئەيىبلىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتتا خىتاينى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتىنىلا كۆزدە تۇتۇپ، باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆرمەسكە سالماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن. مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ياخشىلىنىش بولمايۋاتقانلىقىمۇ تەكىتلەنگەن.
قازاقىستاندا يېڭى باش مىنىستىر تەيىنلەندى
ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى سېتىش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتى باشقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىغاندا تېز بولۇۋاتقان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ 9-يانۋار كۈنى ھۆكۈمەت باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە 41 ياشلىق كەرىم مەسۈموپنى تەۋسىيە قىلدى ھەمدە 10-يانۋار كۈنى پارلامېنت ئۇنىڭ باش مىنىستىرىلىق ئورنىنى بېكىتكەندىن كېيىن، مەسۈموپ مىنىستىرلار كابىنېتىنى قايتا تەشكىللەشنى باشلىدى. قازاقىستان ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلار كەرىم مەسۈموپنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى يېزىشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزىنى قازاق دەپ قارايدىكەن. كەرىم مەسۈموپ خىتايدا ئوقۇغان، خىتاينى ياخشى بىلگەن ئىقتىسادشۇناس بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ئافغانىستاندا 100 دىن ئارتۇق تالىبان جەڭچىسى ئۆلتۈرۈلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر خادىمى پەيشەنبە كۈنى، ن ئا ت ئو بىلەن ئافغانىستان قوشۇنلىرىنىڭ بىرلىكتە، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تالىبان كۈچلىرىگە ھۇجۇم قوزغاپ، 150 تالىباننى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئىراقنىڭ مۇقىملىقى ھەققىدىكى مەيدانىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس پەيشەنبە كۈنى، ئىراقنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان دۆلەتلەرگە قارىتا ھەرىكەت قوزغاپ، تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئەربىل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئىران باش ئەلچىخانىسىدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، 5 كىشىنى قولغا ئالغان ئىدى، بۇ ئىران تەرەپنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.
ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورجى بۇش مۇھىم بىر سىياسىي نۇتۇق ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ مۇقىملىقىغا دەخلى-تەرۈز يەتكۈزگەن ئىران ۋە سۈرىيىگە قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇش سۆزىدە يەنە ، يېڭى ئىستراتېگىيىلىك پىلان بويىچە ئىراققا قايتىدىن 20 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياپونىيە ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولۇپ كىرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونىي بىلېيېر 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئەنگىلىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ھازىر ياپونىيىنىڭ ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى، دېگەن.
نۆۋەتتە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەزا سانىنى كۆپەيتىش ئېھتىياجى تۇغۇلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. لېكىن، بۇنىڭغا بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر قارشى چىققان.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئولمارت ئۆتكەن ھەپتىدە خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىسرائىلىيە-خىتاي كوپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيىنىڭ باش مىنىستىرى ئولمارتقا خىتاينىڭ ئىراننىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئېنىقلىما بېرىشنى رەت قىلغان. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن نېفىت ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە غەربنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىدىكى قاراشلىرىغا قارشى چىققان ئىدى. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي سەپىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمۇ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى چۆرىدىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)