2006.11.03

كۈرەش كۈسەن ۋاپات بولدى

ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە چەت‹ ئەللەردە تونۇلغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى، ناخشىچى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى كۈرەش كۈسەن ئەپەندى 29-ئۆكتەبىر كۈنى تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى سەۋەبى بىلەن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 47 يېشىدا ۋاپات بولدى.

كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى قاتارلىق ئەربابلار مەخسۇس تەزىيەنامە يېزىپ، مەرھۇم كۈرەش كۈسەننى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ پىداكار جەڭچىسى دەپ تەرىپلەپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مىللەتنى ئويغىتىپ، ئۇنى ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئۈندەپ، ئەڭ كۈچلۈك تەشۋىقاتچىلىق رولىنى ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. مەھرۇم كۈرەش كۈسەن 1959-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىنى كۇچاردا ئۆتكۈزگەن. سەنئەت، مۇزىكا كەسىپلىرىدە تەربىيە كۆرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە كەڭ تونۇلغان ناخشىچى بولۇپ يېتىشىپ چىققان.

كۈرەش كۈسەن 1996-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن بۇيان » ئويغا تۈركىستان» قاتارلىق بەش قىسىملىق كد پىلاستىنكىسى ۋە باشقىلارنى نەشىر قىلدۇرغان. ئۇ ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى، شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاقتۇرغان ئىدى.

ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆپ بايرىقى يېپىلغان مېيىتى بىلەن خوشلۇشۇپ، ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، مەرھۇمنى 1-نويابىر كۈنى شىۋىتسىيىنىڭ ئىسكىلىستونا شەھىرىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم نورۋىگىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر نورۋېگىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا نورۋىگىيە پارلامېنتىدىكى يەتتە نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى بېسىم سىياسەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

نورۋىگىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئۇ يەنە نورۋىگىيە ھۆكۈمىتىنى 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشماسلىققا چاقىرغان.

دولقۇن ئەيسا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 30 – ئۆكتەبىر كۈنى تەيۋەندە چاقىرىلغان ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شۇ كۈنى ياپونىيە پارلامېنتى ۋە نەشرىيات ساھەسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ياپونىيىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ياپونىيە دائىرىلىرىغا مەلۇمات بەردى.

31-چىسلا،ئۇ ياپونىيە پارلامېنتىدا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالغان، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەرلەر تارقاتقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق چوڭ ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە كىتاب كۆيدۈرۈلدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى، 1 ‏- نويابىر كۈنى، 215مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتابنى قانۇنسىز دەپ جاكارلاپ، كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. كۆيدۈرۈلگەن نەشىر بۇيۇملىرى ئىچىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتابلارنىڭ بارلىقىمۇ ئىنكاس قىلىنماقتا.

كانادانىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى

كانادانىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى روللاند ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە تەيىنلىگەن ئەمەلدارى ئىسمايىل تىلىۋالدى بىلەن كۆرۈشتى. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ كانادا باش ئەلچىسىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «تەرەققىيات ئەھۋالى، ھەر ساھەدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەردىن باشقا يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر، بەختىيار ياشاۋاتقانلىقى» ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەر كانادا باش ئەلچىسىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ بۇنىڭدىن بىر قانچە ئايلار ئىلگىرى ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن كانادا پۇقراسى، ئۇيغۇر ھۈسەيىنجان جەلىلنىڭ مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشمەكتە. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىنجان جېلىل مەسىلىسىدە كۆپ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى قازا قىلغانلارغا 200 مىڭ يۈئەن تۆلەم تۆلىدى

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مايتاغ نېفىتلىكىدە ۋە مىچۈئەندىكى بىر كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىغا بېرىلدىغان تۆلەم قىممىتى 200 مىڭ يۈئەنگە بېكىتىلگەن.، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئىلگىرى يۈز بەرگەن بۇنداق ھادىسىلەردە قازا قىلغان ئۇيغۇرلارغا تۆلەم تۆلەش ۋە نەپىقە بېرىشتە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسەتتى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا دەۋەت قىلدى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى1 ‏- نويابىر كۈنى، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىھەققىدە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

نۆۋەتتە، خىتاي سىياسىي «جىنايەتچىلەرگە» ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆز دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

قىرغىزىستان نامايىشچىلىرى پرېزىدېنتنى ئىستىپاغا چاقىرماقتا

قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى گورۇھ ۋە پارتىيىلەرنىڭ ئەزالىرى، قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەكتە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. نامايىشچىلار قىرغىزىستان رەھبىرىنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بارماسلىق، خەلققە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرماسلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە. بۇ نامايىشلار كىشىلەرگە ئۆتكەن يىلىدىكى مارت ئەيىدا يۈز بەرگەن قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېفنى ئۆرۈپ، ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن ئىنقىلابىنى ئەسلەتكەن.

مايكروسوفت شىركىتى خىتاينى دېموكراتىيىگە يول قويۇشقا دەۋەت قىلدى

يېقىندا مايكروسوفت شىركىتى تەرىپىدىن گرېتسىيىنىڭ ئافىنا شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئىنتېرنېت يىغىنىدا، مايكروسوفت شىركىتىنىڭ سالاھىيەتلىك ئالىي مەسلىھەتچىسى دىپسون ئەپەندى «بۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىيىگە يول قويمىسا، مايكروسوفت شىركىتى بۇ دۆلەتتىكى كەسپىنى قايتىدىن ئويلىشىدۇ، چېكىندۈرۈپ چىقىشى تېخىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن، دېگەن. بۇ شىركەت بىلەن خىتاي ئارىسىدا زور مىقداردا سودا كېلىشىمى مەۋجۇتتۇر. (ئۈمىدۋار)