2006.10.20
رابىيە قادىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى فرانك ۋولفنىڭ شان – شەرىپى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشتى
16 - ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە، ئامېرىكىدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەركىزى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمىيىتى قاتارلىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانكۋولف ئەپەندىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان خىزمىتىنىڭ شان – شەرىپى ئۈچۈن «رەخمەت ئېيتىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
فرانك ۋولف ئۇيغۇر،تىبەت قاترلىق خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كوپ تىرىشچانلىق كورسىتىۋاتقان مەجلىس ئەزاسىدۇر. ئۇ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىن چىقىرىلىشىدىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىغان.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن سىياسىيونلىرى، ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتناشتى،
نورۋىگىيە مەتبۇئاتىدا رابىيە قادىر ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىندى
13 – ئۆكتەبىر كۈنى، يەنى بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئېلان قىلىنغان كۈنى نورۋېگىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان «كۈندىلىك گېزىت» تە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە «مەن تېررورىست ئەمەس!» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالە ماۋزۇسىغا قوشۇمچە قىلىپ «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى رابىيە قادىر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە سۆھبەت» دېگەن سۆزلەر ئىلاۋە قىلىنغان.
ماقالىدە رابىيە قادىرنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچىلىق كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى، ئەمما، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دەپ قارايدىغانلىقى يېزىلغان.
ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان كەچلىكى ئۆتكۈزۈلگەن
ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، ئالدىنقى ھەپتىدە تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى كەچۈرىن رايونىدا 7-800 كىشى قاتناش » شەرقىي تۈركىستان كەچلىكى » ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.
ۋاڭ لېچۈەن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىزمەت تېپىشىنىڭ تەس بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ خىتاي تىلىنى بىلمەيۋاتقانلىقى، ھازىر بۇ يەردىكى كارخانىلارنىڭ ھەممىسى خىتاي تىلى قوللىنىدۇ، تىل بىلمەي تۇرۇپ خىزمەت تېپىش تەس. بۇنىڭغا ئىلاج يوق» دەپ بىلدۈرگەن. ئۇ، يەنە جەنۇبىي ئۇچ ۋىلايەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامرات قېلىشىدىكى سەۋەبنى تارىخىي شارائىت بىلەن باغلىغان.
ۋاڭ لېچۈەن يەنە ئۇچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلمەكتە، شۇنداقلا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
بۇش تېررور گۇماندارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھىسىگە قول قويدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش 10-ئاينىڭ 17 – كۈنى تېررور گۇماندارلىرىنى سوراق قىلىش ئۇسۇل ۋە مېتوتلىرىنى بېكىتكەن تالاش تارتىشتىكى بىر قانۇن لايىھىسىگە قول قويدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتىك پارتىيە ۋەكىللىرى بۇ قانۇن لايىھىسىگە قاتتىق قارشى چىققان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا، ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئامېرىكا تارىخىدا قوبۇل قىلىنغان ئەڭ ناچار قانۇن دەپ كۆرسەتمەكتە. لېكىن، بۇ قانۇننى ھىمايە قىلغۇچىلار بۇنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى شەرھىلەشكەن.
ئامېرىكا شىمالىي كورىيىگە ئەمبارگو يۈرگۈزۈشكە ھەرىكەت قىلماقتا
شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇش ۋە يادرو قوراللىرى سىنىقى ئېلىپ بېرىش مۇددىئاسى، خەلقئارادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، بۇ دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورىيىگە ئېمبارگو قويۇش قارارىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. ئامېرىكىنىڭ بولسا بۇ مەسىلىدە شىمالىي كورىيىگە قاراتقان پوزىتسىيىسى ئىنتايىن قاتتىق بولۇش بىرگە، نۆۋەتتە ئامېرىكا يەنە ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە شىمالىي كورىيىگە بېرىلگەن ئېمبارگونىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەرقىي ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ شىمالىي كورىيىگە قارىتىلغان ئېمبارگونى قوللاشقا چاقىردى. رايىس خانىم يەنە خىتاينى زىيارەت قىلىپ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
موسكۋادا ئۇيغۇر گىلەملىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
يېقىندا موسكۋادىكى رۇسىيە دۆلەتلىك شەرق مۇزىيى «شەرق مۇسۇلمان ئەللىرى گىلەملىرىنىڭ ئۈلگىلىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك رەسىملىك كىتابنى رۇس تىلىدا نەشر قىلغان بولۇپ، شەخسىي كۆرگەزمىسىنى ئېچىش ئۈچۈن موسكۋادا زىيارەتتە بولغان ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم ئەيسا رۇسىيە دۆلەتلىك شەرق مۇزىيىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر گىلەملىرى كۆرگەزمىسىگە ۋە بۇ رەسىملىك كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
84 نەپەر ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدى
18 – ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيىدە 84 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەنلەرنىڭ قەبرىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى كوللېكتىپ ھالدا زىيارەت قىلغان. بۇ ياپونىيە يېڭى باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ھاكىمىيەتنى چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق پائالىيەت بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن نارازى بولدى. ئىلگىرىكى باش ۋەزىرمۇ ئىزچىل ھالدا مەزكۇر بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىپ قالغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز كېسىلى تېز كېڭەيمەكتە
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتى جىددى رىقابەتكە دۇچ كەلدى. خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوندا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش شەكلىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى پاھىشىلەر، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ۋە ئوخشاش جىنىسلىقلار ئارىسىدا ئۆز ئارا بىر – بىرىگە يۇقتۇرۇدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇشتىن ھالقىپ، جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن تارقىلىدىغان بىر كېسەلگە ئايلانغان.
شىنخۇانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9 – ئايدىكى سانلىق مەلۇمات بويىچە ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر كۈنى 17 ئادەمنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملۇنۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. (ئۈمىدۋار)