2006.09.07

ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى نائوكو خانىم بۇندىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، د ئۇ ق نىڭ گېرمانىيىدىكى باش شتابىغا كېلىپ، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى بىلەن بىر قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇنىڭ قايتىپ بېرىپ، ياپونىيە گېزىتلىرىدە ئېلان قىلغان مەزكۇر سۆھبەت ھەققىدىكى خاتىرىسى، ياپونىيە خەلقى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى بېسىلغان گېزىتنىڭ تارقىلىش تىراجى بىردىنلا ئېشىپ كەتكەن.

يېقىندا ئۇ يەنە گېرمانىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.