2006.08.30
ياپونىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىۋاتقان ۋە ياپونىيە ئاخباراتلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ماقالىلارنى يېزىپ ئىلان قىلىۋاتقان پروفېسسور نائوكو خانىم ئالدىنقى قېتىم ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزستانلارغا بېرىپ بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسا بۇ قېتىم شىمالى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ 27-ئاۋگۇست كۈنى شۋېتسىيىگە يىتىپ كەلدى.
گەرچە نائوكو خانىم زىيارىتىمنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىر قىسىم سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشنى لايىق كۆرمىدى. ئۇ شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىغا مەمنۇنىيىتىنى ئىپادىلىدى. بىز نائوكو خانىم بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق
سىز بىر ياپونلۇق بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن ئۇيغۇر خەلقىدىن نىمىلەرنى كۈتىسىز؟
ئالدى بىلەن بارلىق ئۇيغۇرلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش بولۇش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەشۋىقاتنى جانلاندۇرۇش كېرەك. تاشقى دۇنيادا بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىمكان بار كۆپرەك بىلدۈرۈش كېرەك. مىنىڭ بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەپ ئۇيغۇرلار ھازىر بەك بىچارە ھالەتتە. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ ئويلىنىش ئېلىپ بارمىغان. شۇڭا ئۇلارغا تەشۋىقاتنى كۆپرەك ئېلىپ بېرىپ ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى تونۇشتۇرۇش كېرەك.
سىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىدىڭىز، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى سىزگە قانداق تەسىرات بەردى؟
مەن ئۆزەم ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا گەرچە تەشكىلاتلارنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرغىلى بولمىسۇمۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ناھايتى دېموكراتىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇلاردا شەخسكە چوقۇنىشتىن ھەركىم ئۆز پىكىرىنى ئەركىن بايان قىلايلايدىغان شارائىت كۆپرەك ئىكەن. بىراق ھېسسىياتقا تاينىپ ئىش قىلىش ئەھۋاللىرىغا سەل قاراشقىمۇ بولمىغۇدەك. بۇ كېيىنكى كېلىشمەسلىكنىڭ ۋە ئىتىپاقسىزلىقنىڭ نېگىزى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ھازىر بىر-ئىككى ئۇيغۇر ياكى بىر-ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. كۆپرەك ئىتتىپاقلىشىش، كۆپرەك كۈچ چىقىرىش ھەممىدىن مۇھىم.
سىز ھازىرغىچە ياپونىيىدە ئىلان قىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ماقالىلىرىڭىزنىڭ ياپون خەلقى ئارىسىدىكى تەسىرى قانداق بولدى؟
مىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىرىم ئىلان قىلغاندىن كىيىن سىياسەتچىلەرنىڭ ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قىزىقىشى زور بولدى، بىراق پۇقرالارنىڭ ئارىسىدا قانداق بولغانلىقىنى بىلمەيمەن. چۈنكى ياپون پۇقرالىرىنىڭ ئارىسىدا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ئانچە تونۇشلۇق ئەمەس، گەرچە بىر قىسىم تەشۋىقاتلار بار دېگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى چۈشىنىشى يىتەرسىز. شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى غەرب دۇنياسىدا بىر قەدەر تونۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەشۋىقاتىڭلارنىڭ ئاساسى سالمىقى ئىنگلىزچە. ئۇيغۇر مەسىلىسى شەرقى ۋە جەنۇبى ئاسىيادا ناھايتى ئاجىز. مەن بۇرۇنمۇ دېگەن، سىلەر نېمىشقا تەشۋىقاتىڭلارنى بۇ رايونلاردا كېڭەيتمەيسىلەر. بۇ رايونلاردا ياپونچە، تايلاندچە ياكى باشقا يەرلىك تىللاردا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بارساڭلار بولىدىغۇ، بۇ رايونلاردا خەنزۇ تىلىنى چۈشىنىدىغانلار كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلار خەنزۇلارغۇ. سىلەر نېمىشقا خەنزۇ تىلىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشىڭلارنى پەقەت چۈشەنمىدىم. سىلەر چوقۇم خەنزۇ پۇقرالىرىنىڭمۇ قوللىشىنى ۋە چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلار كېرەك. مەسىلەن ياپونىيىنى ئالسام ياپونىيىدە خىتاي مەسىلىسىگە، تىبەت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ياردەم بېرىدىغان كىشىلەر، تەشكىلاتلار كۆپ، ئەگەر تەشۋىقاتىڭلار ياخشى بولسا سىلەرگىمۇ ياردەمدە بولىدىغانلارنىڭ بولۇشى تەبىي. مىنىڭ سىلەرگە تەكىتلەيدىغىنىم يەنىلا خەنزۇ تىلىدىكى تەشۋىقاتنى چىڭ تۇتۇشىڭلار كېرەك.