2006.08.18

ھۈسەنجان جېلىل ھەققىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى شۇ جايدىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، كانادا پۇقراسى، ھۈسەيىنجان جېلىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوخشاش بىر كۈندە شۋېتسىيە ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ستوكھولىمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۈسەيىنجان جېلىل ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇنغىچە ھۇسەيىنجان جېلىلنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن. يېقىندا ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەلىپىگە بىنائەن ھۇسەيىنجان جېلىلنىڭ سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر ئۇچۇرنى رەت قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە، ھۈسەيىنجان جېلىل مەسىلىسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلىمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا خۇ جىنتاۋغا خەت يازدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 72 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ بۇ يىل 6 – ئايدا قولغا ئېلىنغان ۋە رەسمىي سوتلايدىلانلىقىنى جاكارلىغان 3 ئوغلىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

خۇ جىنتاۋغا يېزىلغان بۇ خەت ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى رەئىسى ھېنرىي خايد ۋە بۇ كومىتېتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى تام لانتوسلار باشچىلىقىدا قەلەمگە ئېلىندى. خەتتە، رابىيە قادىرنىڭ نەۋرىلىرىدىن سەردار، چىپارلار، تۇغقانلىرى قەيسەر، راھىلە، تۇرغۇن ۋە قىزى روشەنگۈللەر قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، » لېكىن ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەۋاتىمىز،» دەپ يېزىلغان.

رابىيە قادىر گېرمانىيىدە زىيارەتتە بولۇپ قايتىپ كەلدى

ئۆتكەن ھەپتىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆمۈرلۈك ھەمرىيى سىدىق ھاجى رۇزى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيىنى زىيارەت قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەمدە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچىرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رابىيە قادىر ھەققىدە يېزىلىۋاتقان چوڭ ھەجىملىك كىتابنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى.

«رافتو فوندى جەمئىيىتى» ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلمەكتە

نورۋېگىيە «رافتو فوندى جەمئىيىتى»، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىرى. بۇ فوندى جەمئىيەت 2004 – يىللىق «رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن ئىدى. شۇندىن تارتىپ ئۇلار ھازىرغىچە ئۇلار ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نورۋېگىيىدىلا ئەمەس خەلقئارادا تونىلىشىغىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە.

رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى Arne Lynngård ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رافتو فوندى جەمئىيىتى ، نورۋېگىيە پارلامېنتى، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئارقا ئارقىدىن جىددى خەت يوللاپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە سادىر بولىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھادىسسىلىرىدىن خەۋەردار قىلىش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەت دائىرلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«بىز ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن نورۋېگىيە ھۆكۈمەت دائىرلىرىنى خەۋەردار قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز، بىز ئۇلارغا رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قانداق قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇلارغا يۈرگۈزۈلگەن زوراۋانلىقلارنى بىرمۇ – بىر ئاڭلىتىۋاتىمىز. بىز يەنە نورۋېگىيىچە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا خەت يېزىپ ئۇلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش ھەققىدە خىتاي دائىرلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدۇق»

باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىدىن باشقا ئوقۇغۇچىلار يەنىلا پاختا تېرىش ئەمگىكىدىن قۇتۇلالمىدى

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئىشخانىسى، بۇ يىلدىن باشلاپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا پاختا تېرىش ئەمگەك ۋەزىپىسىنى چۈشۈرۈشكە رۇخسەت قىلماسلىق قارارىنى ئېلان قىلدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنى بىكارغا ياكى ئاز ھەق بېرىش بىلەن ئىشلىتىشنى چەكلەشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ھاشارغا تۇتۇش پۈتۈنلەي تۈگىمىگەن . بىر قىسىم جايلاردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا ھەم تولۇق ئوتتۇرا ۋە بەزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى داۋاملىق پاختا تېرىش ۋە باشقا ھاشار ئەمگەكلىرىگە داۋاملىق سېلىنغان.

ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشسىزلىقى كۈنسايىن ئېغىرلاشماقتا

يېقىندا «خىتاي ياشلار گېزىتى» خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. مەزكۇر گېزىت مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 40 % كە يېقىنى ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىدىن پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى چۈنكى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنىلا خىزمەت تاپالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ خىزمەت تاپالماسلىقى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولغان، پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا باش قاتۇرغان ئاتا-ئانىلار نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بەرىبىر ئىشسىز قالماقتا.

خىتاينىڭ ئالىي سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىسى ۋەكىللىرى ئۆزبېكىستاندا

ئۆتكەن ھەپتىدە خىتاي ئالىي سوت ۋە باش تەپتىش مەھكىمىسى ئەزالىرى ئۆزبەكىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئۆمەك پەيشەنبە كۈنى تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان ئالىي سوتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەختىيار جامالوف ۋە ئۆزبېكىستان باش تەپتىشى رېشىتجان قەدىروف بىلەن كۆرۈشكەن.

بۇنىڭدىن بىر قانچە ئايلار ئىلگىرى ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىنجان جەلىلنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئىسلام كەرىموپ ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىشكە كېلىشكەن ئىدى.

خىتاي ھەربىي خامچوت مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى قوپاللىق بىلەن ئەيىبلىدى

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى شا زۇكاڭ، پەيشەنبە كۈنى جەنۋە شەھىرىدە بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا، خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتى مەسىلىسىدە ئاغزىنى يۇمىشى كېرەك، دېدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىزچىل ھالدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئېشىۋاتقانلىقى ھەمدە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تەھدىد سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

قىرغىز ئۆكتىچىلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ تازىلاش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى

قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا رادىكال گۇرۇپپىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تازىلاش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلدى. يېقىندىن بۇيان قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ۋە جالال ئاباد ئوبلاستىلىرىدىكى ۋەزىيەت مۇرەككەپلىشىپ قالغان بولۇپ، قىرغىز ساقچى دائىرىلىرى ئۆزبەك مۇساپىرلىرىنى ئۆزبەكىستانغا قايتۇرۇپ بەرگەن ھەمدە ئۆزبېكىستان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بىرلەشمە ھەربىي ئوپىراتسىيىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، قارا سۇ مەسچىتىنىڭ ئىمامى، ئاتاقلىق دىنىي زات رەپىق كامالوپنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. ئۆتكەن يىلىدىكى مارت ئىنقىلابىدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت قىرغىزىستاننىڭ ھەقىقىي دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىدىن ئۈمىد كۈتكەن ئىدى.

خىتايدا، ساختا دورىلار تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنى ھاياتىدىن ئايرىماقتا

يېقىندا خىتاينىڭ چىچىخار دورا شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ساختا دورىلار تېخى تولۇق بىر تەرەپ قىلىنماي تۇرۇپ، ئەنخۇي دورا زاۋۇتىنىڭ «شىڭفۇ» ماركىلىق دورا ئوكۇلىمۇ كۆپلىگەن بىمارلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى.

ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى يىغىن ئاچتى

15-16-ئاۋغۇست كۈنلىرى رۇسىيە، بېلارۇسىيە، ئۇكرائىنىيە رەھبەرلىرى ھەمدە مەركىزىي ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قارا دېڭىز بويىدىكى سوچى شەھىرىگە جەم بولۇپ، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىنىڭ نارەسمىي يىغىنى ئېچىپ، سودا-ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، تاموزھنا ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئۆزبېكىستان كوللىكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 60 مىڭدىن ئاشقان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سەھىيە نازارىتى بۇ يىل 6 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر پۈتۈن رايون بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 60 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلى ھازىر خىتايدىكى ئەيدىز ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئاپەت ئۇيغۇرلارنىڭ چەت-يېزىلىرىغىمۇ يېتىپ كەلمەكتە، ئامېرىكىدىكى بىر ئانالىزچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەيدىزنىڭ مۇنداق تەز كۆپىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر تۈرلۈك بولۇپ، بىرسى خەلقنىڭ بۇ ھەقتىكى ساۋاتى كەمچىل بولسا، يەنە بىرى ھۆكۈمەت ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئېلىپ بارمىغان. ئىچكىرى خىتايدىن كەلگەن خىتاي سودىگەرلىرى تۈرلۈك مەخپىي شەھۋانىي ئورۇنلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئەيدىزنىڭ يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

پەقەت ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 3948 گە يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن رايوندىكى ساننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن.

ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىلار

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېقىندا شۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېر ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىسى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، سىياسىي تەقدىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە «خىتاينىڭ قۇربانلىقى» تېمىسىدا مەخسۇس ماقالە يېزىپ تور بەتلەردە تارقاتقان.

ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىلىرىدىن بىرى دوكتورى درۇ گلادنىي » شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى»ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ تۈپ مەقسەتلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشقا قارىتىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاي ئۈچۈن يەنىلا مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆز ‏- ئارا قوشۇۋېتىلگەن مىللىي ۋە خىتاي مەكتەپلىرىنىڭ سانى 700 ئاشتى

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئۆز ئارا قوشۇۋېتىلگەن مىللىي ۋە خىتاي مەكتەپلىرىنىڭ سانى 2006 – يىلغىچە 707 گە يېتىپ بارغان.

نۆۋەتتە، قوش تىللىق مائارىپ ئاستىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ رولىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى قوزغىماقتا.

خىتاي ياپونىيىگە قارشى كەيپىياتنىڭ قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرىمەكتە

ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى 15 – ئاۋغۇست ياپونىيە 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا تەسلىم بولغان كۈنى ياسۇكونى تاۋابگاھىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ياپونىيىنى تەنقىد قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن پۇقرالار ئىچىدىكى ياپونىيىگە قارشى كەيپىياتنىڭ جۇڭگودا قاللايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ تەدبىر ئالدى. (ئۈمىدۋار)