2006.04.28

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلدى

مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 25- ئاپرىل كۈنى قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن يېقىندا قولغا ئېلىنغان يۈسۈپ قادىر توختى ۋە ئابدۇقادىر سىدىقلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستان دائىرلىرىنى خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىپ، مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا دەۋەت قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان» قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ كىشىلەرنى مەجبۇرى قايتۇرىۋەتمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئادۋوكات تۇتۇشىغا يول قويۇشىنى چاقىرىمىز».

مەزكۇر باياناتتا يەنە «قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ يۈسۈپ قادىر توختى ۋە ئابدۇقادىر سىدىقلارنى خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز ۋە ئۇلار خىتايدا تەن جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن،» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەركىزى نيۇ – يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مېكىي سپېيگىلمۇ بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى:

«قازاقىستان ھۆكۈمىتى مۇساپىرلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ۋە ئادىل سوتلىنىش مۈمكىنچىلىكى بولمىغان بىر دۆلەتكە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرماسلىقى كېرەك».

شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ يىغىنى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى 26-ئاپرىل كۈنى خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، بىر قاتار ھەربىي ھەمكارلىق پىلانلىرى ماقۇللىدى. بۇنىڭغا خىتاي ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن ، ئۇلار شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر ھەربىي تەشكىلات ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئورتاق باياننامە قىلىپ، تېررورچىلىق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىنىستىرلار يەنە 2007-يىلى رۇسىيە تېررىتورىيىسىدە تېررورىزمغا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتكە قارشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي مەقسىتى بارلىقى روشەن.

ياپونىيىلىك خانىمنىڭ ئۇيغۇر مۇھەببىتى

ياپونىيە مەركىزى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نائۇكا خانىم ئۇيغۇرلارغا قىزىقىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلىرى، قىسمەتلىرىنى ياپونىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇش قارارىغا كەلگەن ھەمدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالىلار يېزىپ ئېلان قىلدى. ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەھبەرلىرى رابىيە قادىر خانىم، ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى شۇنىڭدەك باشقا ئونلىغان پائالىيەتچىلەرنى زىيارەت قىلدى. ئۇ، يېقىندا ياپونىيىدە» رابىيە قادىر ئەسلىمىلىرىم» ناملىق ئوچېرىكىنى نەشىر قىلدۇردى.

خىتاي ئاققۇن ئىشچىلىرى نامايىش قىلدى

200 گە يېقىن خىتاي ياللانما ئىشچى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم بىر مېھمانخانىنىڭ ئۇلارنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا بەرمىگەنلىكىگە نارازى بولۇپ، كوچىغا چىقىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە دوستلۇق يولىنى توسىۋېلىپ، قاتناشنى توختىتىپ قويغان.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۆلەم پۇلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىغا مەسۇل ئىشخانىسىدىكى خادىملار نەق مەيدانغا دەرھال كېلىپ، ئىشچىلارغا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىشچىلار يولنى بوشىتىشقا قوشۇلغان. ئەمما، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەردە بۇ نامايىشچىلار خىتايلار ئەمەس ، ئۇيغۇرلار بولغان بولسا، ئۇلار ئاللىقاچان قولغا ئېلىنىپ، ئۇلارغا » تېررورچى، بۆلگۈنچى ،ئەسەبىي ئۇنسۇر » دېگەندەك قالپاقلارنى كۆيدۈرۈلۈپ، جازالىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

مي بۇلاق جۇرنىلىنىڭ تەھرىرى تېخى قويۇپ بېرىلمىدى

ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا ھەمدە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارامايدىكى»ماي بۇلاق» زھورنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدۇرېشىت نىياز قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان قويۇپ بېرىلمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنى تەرغىپ قىلدى دەپ قولغا ئالغان بولسىمۇ، تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئاشكارا ھۆكۈم چىقارمىغان. قاراماي گېزىتى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ ئابدۇرېشىت نىيازنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

نورۋېگىيىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، 22-ئاپرىل كۈنى چۈشتىن كېيىن، نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، 150تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر مەدەنىيەت پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى.

نورۋېگىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مەدەنىيەت كۈنىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم رەھبىرىي ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاخىرىدا سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك تەركىبى سايلاپ چىقىلىپ، ئابدۇسەمەت ئەپەندى رەئىسلىككە تەيىنلىگەن.

مەزكۇر پائالىيەتكە نورۋېگىيىلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، 150دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان. نورۋېگىيە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 2004-يىللىق رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن رافتو فوندى جەمىيىتى مەزكۇر دۆلەتكە جايلاشقان ئىدى.(ئۈمىدۋار)

خۇ جىنتاۋ سەئۇدى ئەرەبىستان مىللىي كېڭىشىدە سۆز قىلدى

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ، ماراكەش ، نېگىرىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنى زىيارەت قىلدى. ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، سەئۇدى پادىشاھىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئۇ سەئۇدى مىللىي كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسىي ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كىئۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا رايوندىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى جەريانىدا ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش مەسىلىسىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

. سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن جىددىي قەدەملەر تاشلاۋاتقان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خۇجىنتاۋنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە، بىخەتەرلىك ۋە سودا ساھەسىدە بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالاندى. (ئۇمىدۋار)