2006.03.17

ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا 3-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ سائەت 5 يېرىمدىن توققۇزغىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كانان ئىش بىناسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان.

رەڭگا- رەڭ نەپىس ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيگەن ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىلىق دوستلىرى شۇنىڭدەك ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى ھەم خىزمەتچى خادىملىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، 30 نەچچە خىل ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ شوخ ئۇسۇللىرىدىن ھوزۇرلاندى.

قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدىن كەلگەن «ياركەنت بۇلبۇللىرى» ناملىق مىللىي ناخشا-ئۇسۇل گۇرۇپپىسىنىڭ شۇنىڭدەك شۋېتسىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇزىكانتى كۈرەش كۈسەننىڭ ھەم سابىق ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى سۇلتان مەمەتوپنىڭ ئىجراسىدىكى ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكىلار مەدەنىيەت كۈنىگە تېخىمۇ زور گۈزەللىك بېغىشلىدى.

بۇ يەرگە يەنە ئۇيغۇر مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان سىزما سۈرەتلەر شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىنى جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى نامايەن قىلىدىغان 200 پارچىدىن ئارتۇق فوتو سۈرەتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئۆرنەكلىرى قويۇلغان ئىدى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا تارىخىدا جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا بىرىنچى قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇراسىمنىڭ ئېچىلىشى نۇتۇقلىرىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارمىغىدىكى ئىنسان ھوقۇقى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى توم لانتوس ئەپەندى، خەلقارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم ، ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورن كراينېر قاتارلىقلار سۆزلىدى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

توم لانتوس ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا جۈملىدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ مەسىلىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن، ئاتاقلىق دۆلەت مەجلىس ئەزاسى، دۆلەت مەجلىس قارمىغىدىكى ئىنسان ھوقۇقى گۇرۇپپىسىنى تەسىس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇق ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوللاش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈردى.

بۇ پائالىيەتكە باشتىن ئاخىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى توم لانتوس، فرانك ۋولف ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام خاركىنلار كاپالەتلىك قىلغان. ئۇلار مەجلىس ئەزالىرىغا بىرلەشمە مۇراجەتنامە يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىنسان ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلغاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇنى رەت قىلغان شۇنىڭدەك پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. نەتىجىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بۇ پائالىيەتنى توختىتىپ قويۇش غەرىزى مەغلۇپ بولغان.

پائالىيەت جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنى مىللەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان جەڭچىلەرگە ئوخشاتتى.

كوندا لىزا رايىس خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىدى ھەققىدە توختالدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، پەيشەنبە كۈنى ، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى خوۋارد ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دوۋنېرلار بىلەن خىتاينىڭ رايوندا باش كۆتۈرۈۋاتقان كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ مەسىلە شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە بىخەتەرلىك يىغىنىنىڭ مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى بولدى.

رايىس، «بىز جۇڭگونىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز. بىز جۇڭگو تەرەپكە ئۇلارنىڭ ھەربىي چىقىمنى كۆپەيتىش ھەرىكىتى زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلار بۇنىڭغا كونكرېت ئېنىقلىما بېرىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان. مەن تەخمىن قىلالمايمەن. مەن ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا دىققەت قىلغان ئىدىم. شۇڭا بۇ خىل ئىستاتىستىكىلىق سانلارنى بەك مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئاڭلىشىمچە جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى 14 % ئۆستۈرگەن. بۇ سان ناھايىتى كۆپ. جۇڭگو بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىغا ئېنىقلىما بېرىشى كېرەك » دەيدۇ.

ئەمما، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، «جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى پۈتۈنلەي ئاشكارا ۋە مۇداپىئە خاراكتېرلىكتۇر. بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە ئوبېكتىپ مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىشسىزلارنىڭ سانى ئاشماقتا

تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 131 مىڭ 200 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاران 69 مىڭ 900 ئى ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغان. 61 مىڭ 300 ئى تېخى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان.

خەۋەردە، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار سانى 2004 ‏- يىلىدىكى 104 مىڭدىن 41% ئازايغانلىقى بايان قىلىنغان. لېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئىشسىزلىق مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خىتايلاردىن پەرقلىق دەرىجىدە ئېغىر ئىكەن.

ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتمەكتە

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، ئۆزبېكىستاندىكى چەتئەل مەتبۇئات ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان مۇخبىرلار ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىدىغان يېڭى بىر قانۇن يولغا قويدى. 15‏- مارت كۈنى ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان يېڭى قانۇن، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى، خەلقىنى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇترۇتۇشنى ھەمدە ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت ۋە دۈشمەنلىك پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەيدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

خىتايدا دېھقانلار نامايىش قىلدى

16‏- مارت كۈنى، تيەنجىننىڭ ليۈشەنخى يېزىسىدا يەر-زېمىنلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان يۈزلىگەن كىشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن يەرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ھوقۇقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىدىن ئىلھاملانغان نامايىشچىلار، «يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى كېلىپ بىز بىلەن سۆھبەتلەشمىگىچە، نارازىلىق ھەرىكىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن.( ئۈمىدۋار)