2006.03.10
ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى
3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2005-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا بىر قىسىم مەملىكەتلەردىن باشقا يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقى تەنقىد قىلىنغان.
بۇ دوكلاتتا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقى مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل، مائارىپ سىياسىتى پاش قىلىنغان ۋە ئۆز تارىخى ھەم مەدەنىيىتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن ئەسەر يازغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئالىملىرى ھەم ئەدىبلىرىى جۈملىدىن توختى مۇزارت، نۇرمۇھەممەد ياسىن، كۈرەش ھۈسەيىن ۋە باشقىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە جازاسىغا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەم باشقا ئەھۋاللار تەنقىد قىلىنغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئەتىسى يەنى 9-مارت كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ 2005-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىش بىلەن ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلغان.
ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت-ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ ئەنقەرە شۆبىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشقا تۈرك دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشقان.
بۇ نامايىش 8 – مارت خانىم -قىزلار بايرىمىغا توغرا كەلگەن. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت- ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ رەئىسى خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارنىڭ كۆزلىرى ياش ئىكەنلىكى ۋە باشقا ئەھۋاللار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.
ئۇيغۇرلار 8-مارتنى خاتىرلىدى
دۇنيانىڭ بىر قىسىم دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى جۈملىدىن قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى 8-مارت ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەپ، داغدۇغۇلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ بۇ بايرامنى خاتىرىلىگەن بولسىمۇ، پەرق شۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەم كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدە ئەركىن سۆزلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى، ھەر قانداق بىر تەشكىلاتقا قاتنىشىش، ئۆز سىياسىي پىكرىنى ئاشكارا ئىپادىلەش ئەركىنلىكىگە سازاۋەرلىكىنى كۆرسىتىشمەكتە، ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر نەچچە مىڭلىغان ئۆز ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى بىگۇناھ ھالدا خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا.
ئىسمائىل تىلىۋالدى يەنە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىشكە تەلەپ قىلدى
تەڭرى تاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنى جەريانىدا، يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى» قەتئىي تۈردە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىپ، زىيانكەشلىك قىلىشى پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش زور سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۇرىمىز ھەمدە ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىمىز» دېگەن. ئىنكاسلاردىن قارىغاندا يېقىندىن بۇيان ئىسمائىل تىلىۋالدى ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلە»گە زەربە بېرىشنى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەنگە قارىغاندا كۆپرەك تەشەببۇس قىلماقتا ئىكەن.
ئەيدىز كېسىلى ئۇيغۇر ئېلىدە تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولماقتا
خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر نەپەر ۋەكىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامراش سۈرىتىنىڭ ناھايىتى تېز ئىكەنلىكى، ھازىر بۇ كېسەلنىڭ 69 ناھىيىگە تارالغانلىقىنى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 90%نىڭ 20 ياشلاردىن 40 ياشلارغىچە بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەيدىز كېسىلى ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ زور ئاپەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بىر قىسىم پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا پائالىيەت قىلغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئادىل ھوشۇرغا ئائىت فىلىم كۆرسىتىلدى
ئۆتكەن ھەپتە يەنى 28-فېۋرال كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر دارۋىزى ئادىل ھوشۇرنىڭ پاالىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى،ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسور جامىس مىللىۋارد بۇ فىلىم ھەمدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەنچە بەردى، بىرى قىسىم كۆرەرمەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل يىگانە دارۋازلىق ئەنئەنىسىدىن ھەيران قېلىشتى شۇنىڭدەك يەنە فىلىمدە نامايەن قىلىنغان دارۋازلىقنى كۆرۈۋاتقان پۇقرالارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قانداق ھاقارەت قىلىنۋاتقانلىقى،ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى ئىتتىرىپ ئۇرۇۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنىشلەرنى كۆرگىنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر بېسىم ئاستىدا ياشايدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
سابىق ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەيۋەننى زىيارەت قىلدى
سابىق ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ئارمىتېچ چارشەنبە كۈنى تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت چېنشۇيبىەن ۋە گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى مايىڭجۇ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن، بىراق ئارمىتېچ ئۆزىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ شەخسىي زىيارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇخبىرلارغا مەلۇمات بەرمىگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا،خىتاي تەيۋەن بوغۇزىغا 800 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇلاشتۇرغان بولۇپ، ئىككى قىرغاق مەسىلىسى يېقىندىن بۇيان جىددىيلىشىپ قالغان ئىدى.
ياپونىيە خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز نېفىتلىكىنى بىرلىكتە ئېچىش تەكلىپىنى رەت قىلدى
ياپونىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا بىرلىكتە نېفىت ئېچىش تەكلىپىنى رەت قىلدى. ياپونىيىنىڭ ئىچكى كابىنېت باشلىقى شىنزۇ ئابې «بۇ بىز قوبۇل قىلالايدىغان بىر تەكلىپ ئەمەس» دېدى.
بۇ خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز نېفىتلىكىنى ئېچىش مەسىلىسىدە ياپونىيە بىلەن ئېلىپ بارغان 4-قېتىملىق سۆھبىتى بولۇپ، بۇ نۆۋەت خىتاي تەرەپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشتىكى بىر قىسىم ئاراللارنىڭ ئەتراپىدا چەكلىك ھالدا نېفىت قىدىرىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى سۇنغان ئىدى.(ئۇمىدۋار)