2005.11.18
رابىيە قادىر خانىم كالىفورنىيىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى
خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ لوس ئانجېلىس، سانتا باربارا قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئىنسانى ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇقلار سۆزلىدى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ كالىفورنىيىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ناھايىتى غەلىبىلىك بولدى.
ياپونىيىلىك مۇتەخەسسىس ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە توختالدى
33 ياشلىق ياپونىيىلىك مۇتەخەسسىس يەنى ئۆزىگە ياسىن ئىسمىنى قوللانغان تارىخچى رادىئو ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرگەن –بىلگەنلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى، ياسىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزبېكىستان، تۈركىيە ۋە ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق جايلاردا بىلىم ئالغان. ئۈرۈمچىدە ئۈچ يىل مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن شۇنىڭدەك ھەر قايسى جايلارغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ، بەك ئېچىنىپ، ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك ياردەملەرنى كۆرسىتىشكە باشلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئەڭ قىيىن ئەھۋالغا قالغان مۇسۇلمانلار ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
16-نويابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىلىرى بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ئالىملىرىدىن جوھن ھوپكىنس ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى فرەد ستار، جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفەسسورى جامىس مىللىۋارد، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دەن سائۇزىلاند قاتارلىقلار ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىنسان ھوقۇقى ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى.
شىۋىتسىيە پارلامېنتىدا گۇئانتانومودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى
گۇئانتانومودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى يېقىندا شىۋىتسىيە پارلامېنتىدا شىۋىتسىيە كىرېست دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئانېلى تەرىپىدىن دوكلات سۈپىتىدە سۇنۇلۇپ، گۇئانتانومودىكى ئۇيغۇرلارنى شىۋىتسىيىنىڭ قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىلگەن. ئەگەر مەزكۇر لايىھە تەستىقلىنىپ قالسا، گۇئانتانومودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار شىۋىتسىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا قارار قىلىپ، ئۇلارنى ئەۋەتىدىغان دۆلەتلەر بىلەن سۆزلىشىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ئىنكاسلارغا قارىغاندا شىۋىتسىيىمۇ بۇنىڭ تەركىبىدە بار ئىكەن.
92 نەپەر ئوقۇغۇچى كېسەل سەۋەبىدىن مەكتەپتىن بىر يىللىق قايتۇرۇلدى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل يېڭى ئوقۇشقا كىرگەنلەرنىڭ ئارىسىدا 92 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ب تىپلىق جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن بىر يىللىق مەكتەپتىن توختاتقان. ئىنكاسلارغا قارىغاندا بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى جەنۇبىي ۋىلايەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا تەنقىدىي ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئىلگىرى قوللىنىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا داۋالاش، تۇرمۇش پۇلى بېرىشتەك پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ، بۇنىڭ نەتىسىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا
قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رامىزان دىرىلدايېۋ ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىمىزنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەت ۋە قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە توختالدى.
رامىزان دىرىلدايېۋ ئەپەندى قىرغىزىستانغا تونۇلغان ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ قىرغىزىستاندا ئەسقەر ئاقايېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تىكلىنىشىدە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇس ئاسىيادا
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئاسىيا سەپىرىنى باشلاپ، ياپونىيە، كورىيە ۋە خىتاي قاتارلىق مەملىكەتلەرگە زىيارەت ئېلىپ باردى. جورجى بۇش ئۆز سەپىرى جەريانىدا خىتاينىڭ دېموكراتىيە ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە توختىلىپ، خىتاينى ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا سەپىرى رايوننىڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.
دالاي لاما ۋاشىنگتوندا نۇتۇق سۆزلىدى
13-نويابىر كۈنى تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىسى دالاي لاما ۋاشىنگتوندىكى MCI مەركىزىدە 16 مىڭ كىشىگە نۇتۇق سۆزلىدى ئۇ ئۆز نۇتقى جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارغا ئوخشاش بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ چوڭ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى رابىيە قادىر خانىم ھۆرمەت بىلەن سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى. دالاي لاماغا ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىسى تەقدىم قىلىندى. يىغىن رىياسەتچىسى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ھەمدە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئوتتى. (ئۈمىدۋار)