2005.11.15

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، سەيشەنبە كۈنى ياپونىيىگە يېتىپ كېلىپ، شەرقىي ئاسىيادىكى ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، خىتاي ۋە موڭغۇلىيىلەرگە قىلىدىغان زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ، زىيارەت جەريانىدا جەنۇبىي كورىيىنىڭ بوسان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

كۈنتەرتىپ بويىچە پرېزىدېنت بۇش چارشەنبە كۈنى ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، بۇشنىڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا خىتاي تەرەپ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تېمىلار بويىچە پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ليۇ جيەنچاۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پرېزىدېنت بۇش بېيجىڭدىكى مەزگىلىدە بۇ يەردىكى بىر چېركاۋغا بېرىپ ئىبادەت قىلىدىكەن. ئاق ساراينىڭ مەسلىھەتچىسى دان بارتلېت، پرېزىدېنت بۇشنىڭ زىيارەت جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە سوزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، پرېزىدېنت بۇش يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، پرېزىدېنت بۇشتىن ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، سىياسى مەھبۇسلار، تەن جازاسى ۋە پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق مەسىلىسىلەردە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)