2005.10.07

رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا سەپىرىنى باشلىدى

ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرىشىغا بىنائەن ياۋروپادىكى يەتتە دۆلەتكە قاراتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خەلقئارا جەمىيەتكە تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سەپىرىنى باشلىدى.

رابىيە قادىر خانىم ئالدى بىلەن گوللاندىيىنىڭ پايتەختى ئامستېردامغا يېتىپ كېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان «خىتايدىكى يوقىلىۋاتقان ۋە ئۇنتۇلغان مىللەتلەر» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا رابىيە قادىر خانىم يەنە گوللاندىيە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەنمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

2005-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى.

2005-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نەتىجىسى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئاگېنتلىقى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئەل بارادەيى ئەپەندىگە بېرىلگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ يىلقى تىنچلىق مۇكاپاتىغا دۇنيا يۈزىدىكى ئاتاقلىق ئەربابلاردىن 190دىن ئارتۇق ئادەم نامزات بولغان بولۇپ، بۇ نامزاتلارنىڭ ئىچىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خەلقئارالىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىممۇ بار ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2005-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىق سالاھىتىگە ئېرىشىشىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا جەمىيەت تەرىپىدىن تونۇلغانلىقى ۋە ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارىماقتا. رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىغە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ۋە دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقى تەكىتلىدى

مۇسۇلمانلارنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىى باشلاندى

ئىسلام دىنىدىكى ئۇلۇق ئايلارنىڭ بىرى ھېسابلانغان رامىزان ئېيىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن روزا تۇتۇش باشلاندى. دۇنيانىڭ بىر قىسىم دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلار خوشال-خوراملىق بىلەن رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋالغان بولسا، يەنە بەزى مۇستەبىتلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي پائالىيەتلىرى چەكلەنمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيىنى خاتىرىلەپ، روزا تۇتۇشى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىدارە- جەمىيەتلەردە ئىشلەيدىغان كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ روزا تۇتۇشلىرىغا، مەسچىتلەرگە بېرىپ ناماز ئوقۇشىغا نىسبەتەن چەك قويۇلماقتا. ھەتتا بەزى جايلاردىكى ئۇيغۇر ئاشخانا خوجايىنلىرىنىڭ كۈندۈزى ئۆز ئاشخانىلىرىنى تاقاپ، پەقەت كەچتە ئىپتار ۋاقتىدا مۇلازىمەت قىلىشىغىمۇ يول قويۇلماستىن ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئاشخانىلىرىنى رامىزان مەزگىلىدە تولۇق ئېچىشىغا مەجبۇرلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە.

رامىزان مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىگە تارقالغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىگە تارقالغان ئۇيغۇرلارمۇ ئەركىن ئازادە روزا تۇتۇش ۋە بىر-بىرىنى ئىپتارغا چاقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئايلارنىڭ سۇلتانى ھېسابلانغان رامىزاننى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشماقتا.

قەشقەردە مەھمۇد قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئۆتكەن ھەپتىدە تارىختىكى ئۇيغۇر دۆلىتى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى قەشقەردە مەھمۇد قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھاياتى، ئۇنىڭ بۈيۈك ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ماقالىلىرىدا «قاراخانىلار سۇلالىسى جۇڭگونىڭ زېمىنى، مەھمۇد قەشقەرى جۇڭگونىڭ ئالىمى» دەيدىغان سىياسىۋىيلاشقان ئىدىيىسى تەرغىپ قىلىنىش بىلەن يەنە خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلار ھېچ قاچان مۇستەقىل دۆلەت قۇرمىغان، تارىختا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىمى، يەرلىك ھاكىمىيەت » دەيدىغان سەپسەتىلىرى قايتا تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ مەسىلىلەردە ئۇيغۇر ئالىملىرى بىلەن خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدىكى كۆز قاراشلار روشەن پەرقلەرگە ئىگە.

ئۇيغۇر ئېلىدە 194 كۆمۈر كان تاقاپ تەرتىپكە سېلىنماقچى

ئۆتكەن ھەپتىدە باي ناھىيىسىنىڭ ياتۇر كۆمۈر كانىدا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 14 ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى 194 كۆمۈر كاننى تاقاپ، تەرتىپكە سېلىشنى پىلانلىغان.

جورجى بۇش تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنى قەتئىي توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىدا ئىراق ئۇرۇشى ۋە تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى.

پرېزىدېنت بۇش نۇقتىدا ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلىشى ئىشەنچىسىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئىسلام رادىكالىزىمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. بۇش نۇقتىدا ئىسلام رادىكال ئىدېئولوگىيىسىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ «بۇ ئۇرۇشچىلار، ئامېرىكا ياكى ئىراقنىڭلا دۈشمىنى ئەمەس، ئۇلار ئىسلامنىڭ ھەمدە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى» دېدى. بۇش يەنە «كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىگە ئوخشاش، بىزنىڭ بۇ يېڭى دۈشمىنىمىز ئەركىن كىشىلەرنى كەمسىتىدۇ ھەمدە ئەركىن ياشاۋاتقان ئەر-ئاياللارنى ئاجىز ۋە چۈشكۈن دەپ قارايدۇ» دېدى.

پرېزىدېنت بۇش تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كوندالىزا رايىس ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندا لىزا رايىس خانىم كېلەر ھەپتىدە ئافغانىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستاننى زىيارەت قىلىدۇ.

كوندا لىزانىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىخەتەرلىك ۋە دېموكراتىك ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ قېتىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايىس خانىم ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىشنى پىلان قىلمىغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستانغا تۇتقان سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قانچە ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كەرىموپ ھۆكۈمىتىنى قوللىماسلىققا چاقىرغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىسى ئۈچۈن بېرىدىغان تۆلەم پۇلىنى كېرىموف ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرماسلىققا دەۋەت قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستاندىن ئەنجان ۋەقەسى ئۈستىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە قەتئىي تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىزچىل رەت قىلىنىشقا ئۇچرىماقتا.

كۆپ قىسىم ياپونىيىلىكلەر خىتاينى ياخشى كۆرمەيدۇ

ياپونىيە گېزىتىنىڭ ئەڭ يېنى ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ قىسىم ياپونىيىكلەر خىتاينى ياخشى كۆرمەيدۇ.

ياپونىيە كۈنلۈك خەۋەر گېزىتى پەيشەنبە پۇقرالارنىڭ خىتاي ۋە ئامېرىكا ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان مەملىكەت خاراكتېرلىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، 68% ئادەم ئۆزىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن ياخشى تەسىراتتا ئەمەسلىكىنى، پەقەت 30% ئادەملا خىتاينى يېقىن كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ياپونىيىگە قارشى مىللەتچىلىك كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ياپونلار ئارىسىدا خىتايغا قارشى كەيپىياتلارمۇ كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. (ئۈمىدۋار)