2005.08.01

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى روبىرت زولىكدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكىتىنى باستۇرماسلىقىنى بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنستىرى روبىرت زولىك، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت سودا ئىختىلاپى، تەيۋەن مەسىلىسى، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش ۋە خىتاي – ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.

گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى زولىكقا ئەۋەتكەن خېتىدە، ئۇنىڭدىن، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبەتلىرى جەريانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلانماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۇنداقلا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە سىياسىي ھوقۇقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (قانات)