22-ماي كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدا بۇلاقتاغ يەنى شىمىگو رايونىدىكى قەبرىستانلىقنى كۆچۈرۈش ئۇقتۇرۇشى تارقالغاندىن كېيىن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق دەپنە ئىدارىسىدىن ئېنىقلاش ئارقىلىق رايوندىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئۇيغۇرلار قەبرىستانلىقىنى تىزىملاۋاتقانلىقى ۋە قەبرىستانلىقنىڭ 10-ئىيۇندىن باشلاپ ئايۆتكەل يەنى خىتايچە باداۋان قەبرىستانلىقىغا يۆتكەش قارارى ئاشكارىلانغانىدى.
18-ئىيۇن كۈنى بۇلاقتاغ رايونلۇق دەپنە ئىدارىسىگە قايتا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرگەندە ، خىزمەتچى خادىم 18-ئىيۇندىن باشلاپ، ئاۋۋال ئىگىسىز قەبرىلەرنى يۆتكەشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ خادىم ئاۋۋال قەبرىلەرنىڭ قەيەرگە، قانداق رەسمىيەت ۋە تەرتىپلەر بويىچە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئا، ب، س د دەپ تۆت رايونغا ئايرىلغان قەبرىلەر ئىچىدىكى ئا رايونىدىكى ئىگىسىز قەبرىلەر ۋە قەبرە ئىگىلىرى ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلاردا بولغان قەبرىلەردىكى مېيىتلارنىڭ دەپنە ئىدارىسىدىكى قەبرە يۆتكەش خادىملىرى تەرىپىدىن پەقەت نومۇر تاختىلىرى بويىچە، ھېچقانداق دىنىي مۇراسىمسىز باداۋان، يەنى ئايۆتكەلدىكى سېمونت بىلەن ياسالغان قەبرىستانلىققا كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان قەبرىستانلىق قۇرۇلۇشى، دىنىي مۇراسىمسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەبرە كۆچۈرۈش، يەنى قەبرىلەردىكى مېيىتلار ۋە مېيىت قالدۇقلىرىنى يۆتكەش تەرتىپلىرىگە قارىتا، قەبرە ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىىغان سۇئاللارغا ، بۇ خىزمەتچى خادىم ئۆزىنىڭ بۇنداق سۇئاللارغا جاۋاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قەبرە ئىگىسىنىڭ ئۆزى كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىشىنى ئېيتقان.
داۋاملىق سوراش نەتىجىسىدە، ئۇ جاۋاب بېرىپ، دەل قەبرە ئىگىلىرى نارازى بولۇۋاتقان سەۋەبلەردىن ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋۋال ئىگىسىز قەبرىلەرنى كۆچۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئاھالە كومىتېتى خادىملىرىنىڭ قەبرە يۆتكەشكە نارازى بولۇۋاتقان قەبرە ئىگىلىرىگە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ خىزمەتنىڭ ئۆزلىرىگە تەسكە توختاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شەرقىي تۈركىستانداا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىستانلىقىنى ۋەيران قىلىشتەك ئەھۋاللار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت قەبرىستانلىقلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى مەشھۇر زاتلىرىنىڭ مازارلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، قەبرە تېشى قاتارلىقلاردىكى ئايەت، ئاي قاتارلىق ئىسلامىي بەلگىلەرنى مەجبۇرىي ئۆچۈرگۈزۈش، قەبرە تېشىدا پەقەت نومۇر تاختىلىرىنىلا قالدۇرۇش، قەبرىلەرنى قەۋەتلىك قىلىپ ئۆزگەرتىش، ھەتتا داۋاملىق مېيىت قويۇلۇۋاتقان قەبرىستانلىقلارنى مەجبۇرىي يۆتكەپ يوقىتىش، بۇ جايلارنى خىتاينىڭ شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ساياھەت ۋە ئىستىراھەت باغچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى جىددىي ئېلىپ بېرىشى نارازىلىقلارنى قوزغىماقتا. بۇ ئەھۋاللار ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى تارىخىي ئىزلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىق دەپ قارالماقتا.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى