ئۆتكەن ھەپتە تايلاند دائىرىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 18 -كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. زىيارەتنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى جازالىماسلىق ۋەدىسىنى تەكشۈرۈشتەك دەپ بازارغا سېلىنىۋاتىدۇ. 11 يىل قولىدىكى چېغىدا رەھىم قىلمىغان، ناچار شارائىتلاردا تۇتۇپ تۇرغان، يالۋۇرۇپ تۇرسىمۇ خىتايغا قايتۇرىۋەتكەن تايلاند دائىرىلىرىدىكى بۇ «رەھىمدىللىك» ياكى » ئىنسانىني مەسئۇلىيەت» ئۇشتۇمتۇت نەدىن پەيدا بولدى؟! ئېنىقكى بۇ زىيارەت خىتاي-تايلاند جىنايەت شېرىكچلىكىنى ئاقلايدىغان ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە قايتۇرۇلغان قېرىنداشلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنى تېخىمۇ خەتەرگە ئىتتىرىدىغان رەزىل بىر سىياسىي ئويۇندۇر!!
خىتاي 2015 -يىلى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، شۇ يىلى تايلاند قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن قۇددۇس يۈسۈپنى بېشى يارىدار ھالەتتە ئىكراندا كۆرسەتتى. قۇددۇس ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتىشتىن قورقۇپ، ئايرىپلانغا چىقماسلىق ئۈچۈن ئايرۇدۇرۇمدا ماشىنىدىن چۈشمەي تۇرىۋالغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا بېېشى يېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى. خىتاي گەرچە بۇ خەۋىرىدە، خەلقئاارا تەنقىدلەرگە جاۋابەن، قۇددۇس يۈسۈپنىڭ تۈرمىدە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان بولسىمۇ، خەۋەر بىر تەرەپتىن، تايلاند ئايرىدۇرۇمىدا قانلىق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە ۋەقەدە ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ يارىلانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي دائىرىلىرى 2010 -يىلى كامبودجادىن قايتۇرۇلمان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋىرىدە ، قايتۇرۇلغانلارنىڭ ھىچقانداق قېيىن-قىستاققا ئۇچرىمىغانلىقى ۋە شاھىدە قۇربان ئىسىملىك ئايالنىڭ ئىككى بالىسى بىلەن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە ئائىلىسىدە خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بۇلتۇر، يەنى ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندە، كامبودجادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلانىڭ ئېغىر قېيىن قىستاققا ئېلىنغانلىقى ۋە ھامىلدار شاھىدە قۇرباننىڭ 4 ئايلىق ھامىلىسىنىڭ قېيىن-قىستاق سەۋەبىدىن قورساق چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خىتاينىڭ يالغان سەھنە ھازىرلاشقا ئۇستا ۋە تەجرىبىلىك ئىكەنلىكى توغرۇلۇق مەتبۇئاتلاردا خەۋەر دوكىلاتلار كۆپ ساندا مەۋجۇت.
مانا بۇ پاكىتلارغا ئاساسەن تەخمىن قىلاليمىز كى، تايلاندنىڭ بۇ زىيارىتى داۋامىدىمۇ، خىتاي تەرەپ قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسىنى تۈرمىدىن ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلارنى مەزجبۇرى سۆزلىتىدۇ. سۆزلەشنى خالىمىغان، قارشى تۇرغان ياكى قاملاشتۇرالمىغانلارنى يەنە قېيىن-قىستاققا ئالىدۇ، ياكى تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ جازالايدۇ.
خىتايدىن كېلدىغان مەنپەئەتىن ۋاز كېچەلمىگەن ۋە خىتايبنىڭ ئىنتىقام ئېلىشىدىن قورققان تايلاند دائىرىلىرىنىڭ يۇقارقىدەك ئېچىنىشلىق رېئاللىقنى كۆرەلىشى، كۆرسىمۇ ئۇنىڭغا ئۇنىڭغا ھەققانىي ئىنكاس قايتۇرالىشى مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا مەن تايلاند دائىرىلىرىنى بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭ پالاكەتكە ئۇچرىتىدىغان بۇ زىيارەت پلانىنىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىمەن. خەلقئاارا جامائەتنىمۇ تايلاند تەرەپنى بۇ رەزىل سىياسىي ئويۇنىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن ھەركەت قىلىشقا چاقىرىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر