خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق!

ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى كرىزىسىدىن كىيىن دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولغان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئورنى داۋالغۇشقا باشلىغان بولۇپ، خىتايغا ئېقىۋاتقان چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قېيىش ئېھتىماللىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە ئىكەن.

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە ئامىرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ۋە ۋۇخەن كورونا ۋاباسى كرىزىسى تۈپەيلى دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولغان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىك ئورنى ئېغىر داۋالغۇش ئاستىدا بولۇپ، غەرب دۇنياسى ئىقتىسادىي ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىن خىتايغا باغلىنىپ قىلىشنى تەھدىت ھېسابلىماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامرىكادىكى ئىقتىسادشۇناس قەيسەر مىجىت ئەپەندىم خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىك ئورنىنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تەسىرىدە بەزى يېنىك سانائەت ساھەلىرىنىڭ نېپال، فىلىپپىن، تۈركىيە دېگەندەك ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكىلىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان..

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئانالىزلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيە خىتايغا نىسبەتەن يېڭى بىر تاللاش سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، چەتئەل مەبلىغى ۋە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن تۈركىيەگە قاراپ يۆتكىلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى ئىكەن.

تۈركىيەدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت جەمئىيىتى (DEİK)نىڭ تۈركىيە-ئىسرائىلىيە تىجارەت تارمىقىنىڭ مۇدىرى ئىبراھىم سىنان ئاق: «خىتاي بىلەن بولغان ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى كرىزىسىدىن كىيىن ئىسرائىلىيەلىك ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئىمپورت قىلغۇچىلار باشقا تاللاش ئىلىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. ئىسرائىلىيەلىك تىجارەتچىلەر جۇغراپىيەلىك يېقىنلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتى جەھەتتىن، ئۇيغۇن باھا بىلەن تىجارەت قىلالايدىغان تۈركىيەگە ئېقىشقا باشلىدى،» دېگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت جەمئىيىتى (DEİK)نىڭ تۈركىيە-گوللاندىيە تىجارەت تارمىقىنىڭ مۇدىرى مۇرات ئۆز يەئىن يېڭى ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ، تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ يەرشارىۋىي ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلانغان خىتايغا ھەددىدىن زىيادە باغلىنىپ قىلىشنىڭ ئېغىر خەتىرىنى تەكىتلىگەن ۋە: «تۈرك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەلەپ بارغانسېرى ئاشىدۇ دەپ قارايمەن،» دېگەن.

سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئۈمىد ئالپئەرەننىڭ «ۋابانىڭ خىتاي ۋە غەرب مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تەسىرى ۋە تۈركىيە» ناملىق ماقالىسى ئانادولو ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە كۈنسېرى يىرىكلىشىۋاتقان خىتاي ۋە غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىدىن كىيىن تېخىمۇ يامانلىشىشى مۇمكىنلىكىنى، خەلقئارادىكى ئوبرازى ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولمايۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىلىك ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى