21-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاقساراينىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئىمزا قويغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتى.

شۇ جاي ۋاقتى 21-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاقساراينىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئىمزا قويغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى-2020» ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت ترامپنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەن. ئۇ، 17-ئىيۇن مەزكۇر قانۇنغا ئىمزا قويۇپ، ئۇنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانلىقنى جاكارلىغان.

بۇ قانۇندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتىلغان زىيانكەشلىك ۋە لاگېر سىياسەتلىرىدە قولى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قاراتمىلىق جازالاش قاتارلىق مەزمۇنلار يەر ئالغان.

بۇ قانۇندا ئىمزالانغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئوز ئاخباراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئامېرىكىغا قارىشى تەشۋىقاتلارنى بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرغان.

پرېزىدېنت ترامپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا ئىمزا قويغان كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەتراپتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يامغۇر ۋە كورونا ۋىرۇسى تەھدىتىگە قارىماي ئاقساراينىڭ ئالدىغان كېلىپ تەنتەنە قىلغان.

ئۇلار ياڭراتقۇ ئارقىلىق «پرېزىدېنتقا رەھمەت!»، «ئامېرىكا خەلقىگە تەشەككۈر!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان ئىدى.

بۇ قېتىملىق تەنتەنە پائالىيىتىگىمۇ ئامېرىكا پايتەختىگە يېقىن جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئىشتىراك قىلغان ۋە ئامېرىكىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.

پائالىيەت ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۇرالغۇسى-ئاقساراي ئالدىكى چۆپلۈكتە ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتتە تاۋلانغان شوئارلار ئارىسىدا ئامېرىكىغا، پرېزىدېنتىغا ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تەشەككۈر ئېيتىش سادالىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن.

پائالىيەتتە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرى ئەيىبلەندى، بۇ سىياسەتلەرنىڭ باش رولچىسى بولمىش خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا لەنەت ئوقۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان 1. 8 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا تاشلىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا خىتاينى جازالاش پىكىرلىرى ئۇلغايغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىدا بۇ نۆۋەت ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى-2020» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئېلىنغان ئەڭ ئەمەلىي بىر قەدەم ھېسابلىنىدىكەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى