خىتاي ترامپنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى | TRT ئۇيغۇرچە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 20- ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە ، « ئۇيغۇر كىشلىك ھۇقۇق سىياسىتى قانۇنى » غا پىرېزېدىنىت تىرامىپنىڭ ئىمزا قويۇپ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانلىقىغا قارىتا قاتتىق ئىنكاسلارنى بىلدۈرۈپ، ئوبزور، باياناتلارنى ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ قانۇنغا قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويىۋاتقان سىياسەتلىرىنى ماختىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، ئامېرىكا تەرەپ ئاتالمىش «2020 – يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇۋالدى. بۇ ئاتالمىش قانۇن لايىھەسى جۇڭگو شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئوچۇق – ئاشكارا دەپسەندە قىلدى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى ئاقلاپ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى پۈتۈنلەي پاكىتقا كۆز يۇمغانلىق، ئاق – قارىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلغانلىق. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭدا مىللەتلەر باراۋەر – ئىتتىپاق، دىنلار ئېجىل – رايىش، تۇرمۇش تىنچ – خاتىرجەم بولۇۋاتىدۇ، مانا بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەقىقىي بەخت – سائادىتى. 2019 – يىلى شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى %6.2كە يەتتى، 2020 – يىلى مۇتلەق نامراتلىق ئۈزۈل – كېسىل تۈگىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسى كۆپىيىپ 11 مىليون 650 مىڭغا يېتىپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %46.8ىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭدا ئىسلام دىنى مەسچىتىدىن 24 مىڭدىن ئارتۇقى بار بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھەر 530 مۇسۇلمانغا بىر مەسچىت توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭگودىكى 56 مىللەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بېرىلگەن تۈرلۈك ھوقۇق – مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا. ئىشنىڭ توغرا – خاتالىقىغا خەلقئارا جەمئىيەت ئادىل باھا بېرىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43 – قېتىملىق يىغىنىدا، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلغاندا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى تەرىپلىدى، جۇڭگونىڭ ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 1000دىن ئارتۇق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلدارلىرى، مۇخبىرلار، دىنىي زاتلار قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇشىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى تەرىپلىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي خاس خادىمىنى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى قارشى ئالدى. 2019 – يىلى، 50 نەچچە دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي خاس خادىمىغا بىرلەشمە ئىمزالىق خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغانلىقى ۋە كاپالەتلىك قىلغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى؛ 60 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى 74 – نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 3 – كومىتېتى يىغىنى مەزگىلىدە بەس – بەستە سۆز قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدىكى مەيدانىنى قوللاپ، جۇڭگونىڭ غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى تەرىپلەپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇردى.  شىنجاڭنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق چەت دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بىز ئامېرىكا تەرەپتىن دەرھال خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشنى كەسكىن تەلەپ قىلىمىز. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇش سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.».

ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا پەردازلاپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ قېتىمقى قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇنغا ئايلىنىشى بۇ ھەقتىكى بارلىق يالغان-ياۋداقلارنى ئۈزۈل-كېسىل بەربات قىلدى، دەپ قارىغان.

 

مەنبە: « شىنجاڭ گېزىتى»