پىرېزىدېنت ترامپ 17-ئىيۇن 2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ رەسمىي قانۇنلاشتۇردى. ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئاشۇ كۈنى خىتايچە بايانات ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنىڭ قانۇنلاشقانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە رەسمىي ئۇقتۇردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى رەسمىي قانۇنلاشتۇرۇشى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى خىتاينى قاتتىق ساراسىمغا سالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى ئۆزىنى ئاقلاش ۋە ئامېرىكانى ئەيىبلەشكە كىرىشتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى ئامېرىكانىڭ «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى رەسمىي قانۇنلاشتۇرۇشىنى «ئۇزۇن بىلەكلىك مايمۇنلارنىڭ خىتاينى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ئويۇنى» دېگەن ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
بۇ قانۇننىڭ رەسمىي ئىمزالىنىشى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئامېرىكادىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى جوئان لىن بايانات ئېلان قىلىپ: پرېزىدېنت ترامپنىڭ. ئىمزا قويۇشىنى «ئۇيغۇرلارنى قوغداشتىكى تارىخ بىر قەدەم» دەپ ئاتىدى.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك قانۇن ئارقىلىق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىيناش، تۇتقۇن قىلىش، ئۇزۇن مۇددەت قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشلىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرىز قىلغان شەخسلەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلارغا جازا تەدبىرلىرى قوللىنىدۇ.»
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن دەھشەتلىك قىيىن-قىستاقلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرىغا ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ چىقىپ دۇنياغا ئاشكارىلىغانىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى