ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت لايتخايزېر 17-ئىيۇن كۈنى مۇخبىرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان مەھسۇلاتلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا قانۇنىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرگۈزۈلۈشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئامېرىكا قانۇنلىرىنى «قاتتىق ئىجرا قىلىدىكەن».
لايتخايزېر بۇ سۆزلەرنى پرېزىدېنت ترامپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئىمزا قويغان شۇنداق ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى «مېيشىن چاچ مەھسۇلاتلىرى شىركىتى» نىڭ چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان كۈنى قىلغان.
لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لايتخايزېر يەنە بۇ يىل 1-ئايدا ئىمزالانغان ئامېرىكا-خىتاي 1-باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى، مەۋجۇت ئامېرىكا قانۇنلىرىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لايتخايزەر بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكادا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ، لاگېردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىنى جازالاش سادالىرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە قىلدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى