تۈركىيەدە ئوقۇپ يۇرتىغا قايتقاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئەزىمەت ئەنۋەر.

تۈركىيەدە ئوقۇپ يۇرتىغا قايتقان ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ ئەھۋالىنى ب د ت ئورگانلىرى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇنىڭ 15 يىللىق قاماققا كېسىۋېتىلگەنلىكى ئۆتكەن ھەپتە غەيرىي-رەسمىي مەنبەلەر تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەركىن ئاسىيا  مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇنىڭ سۈيدۈڭدىكى بىر تۈرمىدە ئاتالمىش سىياسىي خاتالىق ئۆتكۈزگەن 4 نەپەر تۇتقۇن بىلەن بىر كۈندە سوتلانغانلىقى ۋە بەش تۇتقۇننىڭ 15 يىلدىن 18 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەنگەن.

تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ سۈيدۈڭدىكى بىر سوتتا 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئۆتكەن ھەپتە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ھەر خىل تىللاردا بايانات ئېلان قىلغان ئۇنىڭ فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە شىۋىتسىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئەزىمەت ئەنۋەر ھەمدە دادىسى ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ پەقەت مىللىي كىملىكى سەۋەبىدىنلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

2017‏-يىلى تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ يۇرتى غۇلجا شەھىرىگە قايتقان ئەزىمەت ئەنۋەر 2018‏-يىلى دادىسى ئەنۋەر تۇرسۇن بىلەن 3 ئاي ئىلگىرى-كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلار داۋامىدا ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ «دۆلەت مائارىپىنى كۆزگە ئىلماسلىق» ئەيىبلىمىسى بىلەن تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى «چەتئەللىكلەر ئۈچۈن ئادالەت» ناملىق بىر ئادۋوكاتلار شىركىتى ئارقىلىق بۇ يىل 3‏-ئايلاردا مەسىلىنى ب د ت ئورگانلىرىغا قەدەر يەتكۈزگەن ئىدى.

ئەزىمەت ئەنۋەر 2017‏-يىلىشەرقىي تۈركىستاندا لاگېرغا كەڭ كۆلەمدە ئادەم تۇتۇش باشلانغاندا قايتقان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ غۇلجا شەھىرىدىكى ئاتا-ئانىسى ۋە سىڭلىسىنى ئاۋارىچىلىككە قويماسلىق ئۈچۈن، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى تۈركىيەدىكى مەزگىلىدە خىتايغا قارشى ھېچقانداق بىر پائالىيەتكە قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن كۆز ئالدىدىكى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش بىلەنلا بولغان ۋە جىمجىت ئۆتكەن بىرقانچە يىللىق ھاياتى ئۇنىڭ دادىسى ۋە ئاپىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئالالمىغان. ئۇنىڭ ئاپىسى مۇقەددەس خانىم بىر يىل لاگېردا يېتىپ چىققان، دادىسى ئەنۋەر تۇرسۇن يەنىلا غۇلجادىكى بىر قاماقخانىدا جازا ھۆكۈمىنى كۈتۈپ ياتماقتا.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى