خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى ئىقتسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بارالامدۇ ...

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ھەربىي ئالىي مەكتەپلەر مائارىپ نىزامى» نى ئېلان قىلغان، بۇ نىزامنامە 2020 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىكەن.

«نىزام»دا شى جىنپىڭ ئارمىيەنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇشنى ھەمدە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى ، ئالىي مەكتەپ مائارىپىنىڭ خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان.

«نىىزام» جەمئىي 11 باب، 90 ماددا بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەر مائارىپىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ، ئالىي مەكتەپ پرەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىي تەلىم – تەربىيە جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى يوقۇرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جەڭگە قاتنىشالايدىغان بولۇشىنى، جەڭدە چوقۇم غەلبە قىلالايدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ھەمدە روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك، ئەخلاقلىق يېڭى دەۋر ئىنقىلابىي ھەربىيلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي رەئىسى شىنجىنپىڭنىڭ ھەربىي تەلىم- تەبىيەنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى جەڭگە قاتنىشالايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى بۇ نىزامنامىسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان.

مەنبە:« شىنجاڭ گېزىتى»