يېقىندا ئامېرىكانىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا بىردەك مۇتلەق ئاۋاز ئۈستۈنلۈكى بىلەن ماقۇللانغان «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىشخانىسىغا يوللاپ بېرىلگەن ئىدى. 17-ئىيۇن كۈنى چۈشتىن كېيىن دونالد ترامپ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ، بۇنىڭ رەسمىي قانۇن بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئاقساراي ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ شۇ كۈندىكى مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئەمدى رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا شېرىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىش باسقۇچىغا ئۆتكەن. خەۋەردە «شىنجاڭدىكى غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەش مەزمۇن قىلىنغان بۇ قانۇن لايىھەسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم شەخسلەرگە جازا بېرىدۇ» دېيىلگەن.
دونالد تىرامپ چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: بۇ قانۇن «ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش ئۈچۈن تەربىيىلەش لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۇلارنى لاگىرلارغا سولاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ، شۇنداقلا كىشىلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق بولغانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. ».
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇشى ئامېرىكا ھەمدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى،» دېگەن.