دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بولغان «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى نۇرى تۈركەل(سولدا) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى بىلەن مۇنازىرە قىلماقتا.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن كومىسسارى نۇرى تۈركەل «زىمىستان» تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز خىزمىتى ھەققىدە توختالغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، مەزكۇر تور بېتىنىڭ باش مۇھەررىرى ماركو رېسپىنتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئالدى بىلەن ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ ئۆزىنى بۇ ئورۇنغا كۆرسەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە كومىتېتىتىكى ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يېتەرلىك دىققەتكە سازاۋەر بولالمايۋاتقان دىنىي جامائەتنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن كومىسسار ۋاقتىمدا خىتاي تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىشىنى داۋام قىلىمەن. مەن يەنە ئۆتكەن بىر نەچچە يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلار سازاۋەر بولغاندەك دىققەتكە ئېرىشەلمىگەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى دىنىي جامائەتلەرنىڭ مەسىلىسىگە دىققەت ئاغدۇرۇشقىمۇ ياردەم قىلىشقا تىرىشىمەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار دەۋانى قانداق ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش جەھەتتە يېتەرلىك ساۋاقلارنى يەكۈنلىدى، مەن بۇ تەجرىبىلىرىمنى ئورتاقلىشىشىنى ئويلىشىۋاتىمەن.»

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئەھكاملىرىنى توسالغۇسىز بەجا كەلتۈرۈشكە تىرىشقانلىقى ئۈچۈنلا جازا لاگېرلىرىغا تاشلىغانلىقى، ئۇ يەردىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات يوقلىغىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئاخىرىدا پرېزىدېنت دونالد ترامپنى ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئىمزا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دەپسەندىچىلىكىدە قولى بار ئەمەلدارنى جازالاشقا چاقىرغان.

مەنبە: زىمىستان تورى