ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 150 نەپەر جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستىراتېگيەسى ھەققىدە دوكلات تەييارلاپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «قاتتىق جازالىشى» نى تەلەپ قىلغان. دوكلاتتا جازالاش نىشانى خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» گە مەسئۇل سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزاسى ۋاڭ ياڭ، «خوڭكوڭ سىياسىتى» گە مەسئۇل سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزاسى خەن جېڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو قاتارلىق ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇ ئەمەلدارلارغا «مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ قاتتىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈپ، قاتتىق جازالىنىشى كېرەك» ئىكەن. «ئامېرىكانى كۈچەيتىش ۋە يەر شارى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش» ناملىق 115 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتنى «جۇمھۇرىيەتچىلەر تەتقىقات كومىتېتى» تەييارلىغان. «جۇمھۇرىيەتچىلەر تەتقىقات كومىتېتى» بولسا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 150 نەپەر جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسىدىن تەشكىل تاپقان. دوكلات 5 بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ 3-بۆلۈكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توسۇشقا قارىتىلغان.
ئۇنىڭدا، ۋاڭ ياڭ، خەن جېڭ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ كېجى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو، تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ۋۇ يىڭجيې، خوڭكوڭ-ماكاۋ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شيا باۋلوڭ، خوڭكوڭ مەركىزى ھۆكۈمەت ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى لۇ خۇينىڭ ۋە خىتاي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەلەپ قىلىنغان. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇ كىشىلەر «شىنجاڭ، تىبەت ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك» ئىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى