غۇلجا شەھىرىدىكى دادا-بالا تۇتقۇنلاردىن ئەنۋەر تۇرسۇنغوجا بىلەن ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ يولسىز تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسى، خەلقئارا ئادۋوكاتلارنىڭ قول تىقىشى بىلەن ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا يېتىپ بارغان ۋە بۇ ئورگانلار، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماتېرىيال يوللاپ بۇ دادا-بالىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، ئوغۇل ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىك ئۇچۇرى ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسئۇل ئادۋوكات مايكىل پولاك شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، بۇ دادا-بالا مەھكۇملارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن باشلىغان ھەرىكىتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
غۇلجا شەھىرىدىكى تاكسىم سودا سارىيىنىڭ ساھىبى ئەنۋەر تۇرسۇنغوجا تۈركىيە بىلەن تىجارەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەزىمەت ئەنۋەر تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن 2018 -يىلى 1 -ۋە 4 -ئايلاردا تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ دادا-بالا تۇتقۇنلارنىڭ كانادا، نورۋېگىيە، گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ گۇۋاھلىق باياناتلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، «چەتئەلدىكى ئادالەت» ناملىق ئادۋوكاتلار شىركىتى بۇ ھەقتە دېلو تۇرغۇزۇپ، ئەھۋالنى بۇ يىل 3 -ئايدا ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا يوللىغان. مەزكۇر شىركەتنىڭ تور بېتىدىكى بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەسئۇل ئادۋوكات مايكىل پولاك ئۆتكەن ئاينىڭ 14 -كۈنى، ب د ت نىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ۋىدىيولۇق كۆرۈشكەن ۋە بۇ كۆرۈشۈشتە ئۇنىڭغا، مەزكۇر دادا-بالىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەم نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلىپ خىتاي تەرەپكە ماتېرىيال يوللانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت ئورگانلىرى ۋە دادا-بالا تۇتقۇننىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي تەرەپتىن بىر جاۋاب كۈتۈپ تۇرغان بۇ مەزگىلدە تۇتقۇن ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ قورغاس ناھىيەسىدە ئېچىلغان بىر سوتتا 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىك خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىققان. ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ كانادادىكى ھاممىسى مۇنەۋۋەر تۇرسۇنغوجانىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بايان قىلىشىچە، مەزكۇر سوت ئۆتكەن ئاينىڭ دەسلەپكى ھەپتىسى ئېچىلغان؛ سوتقا ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ ئانىسى ۋە سىڭلىسى قاتناشقان، سوتتا ئادۋوكات ئىشلىتىلمىگەن؛ مەھكۇم ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا يازما ھۆكۈممۇ بېرىلمىگەن. ئۇچۇر سوتقا قاتناشقانلاردىن بىۋاسىتە ئەمەس، ۋاسىتىلىك يوللار بىلەن ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن سوتنىڭ رەسمىي سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغانلىقى ياكى تۈرمىدە ئېچىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
12-ئىيۇن كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئادۋوكات مايكىل پولاك، خەۋەر راست بولغان تەقدىردە بۇنىڭشەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە چىقىۋاتقان-پۈتۈنلەي بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىلىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. مايكىل پولاك، يېقىندا د ۋ ئاخباراتىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى ساختا سوتلار» ناملىق خەۋەردىن نەقىللەر كەلتۈرۈپ، تۈرمىلەردە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا، جىنايەتلەر تىزىملىكىنى تۇتقۇزۇلۇپ، بۇنىڭدىن بىرقانچىنى تاللاپ قول قويۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسلەتكەن. ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭمۇ مۇشۇ خىل قىسمەتكە دۇچ كەلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئىشارەتلىگەن مايكىل پولاك، شەرقىي تۈركىستاندا نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ ئىجرائاتلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بىر جىنايەت ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا ئەركىن دۇنيانىڭ تاماشىبىن سۈپىتىدە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ب د ت مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىشخانىسىنىڭ خەتلىرىگە خىتاي تەرەپنىڭ تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان مايكىل پولاك خەلقئارا جامائەتنى خىتايغا قارىتا بۇ ھەقتە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئەزىمەت ئەنۋەر ۋە ئەنۋەر تۇرسۇنغوجانىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى ۋە نورمال ئىش-ئوقىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ئۇلارنىڭ تولىمۇ ئەقەللىي ھەققى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ، بۇ دادا-بالىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن باشلىغان ھەرىكىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مۇنەۋۋەر تۇرسۇنغوجا خانىممۇ، چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ، مەزكۇر سوت خەۋىرىدىن كېيىن بۇ دېلونى تېخىمۇ كەڭ خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە تەسىرلىك بىر ھەرىكەتكە ئۆتۈش نىيىتى ۋە ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى