ئۇيغۇر كارخانىچى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ 15 يىللىق كېسىلىشى خەلقئارا ...

2016-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارالىق رەھبەرلىك پروگراممىسىغا قاتناشقان «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەت ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئىدى. كېيىنچە ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. 9-ئىيۇن كۈنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق قانۇن پەنلىرى ئوقۇغۇچىلىرىدىن 80 نەچچە كىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىلگەن بىرلەشمە مەكتۇپقا ئىمزا قويۇپ، ئەكبەر ئەسەدنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى تەلەپ قىلدى.

CNN ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەكبەرنىڭ ھەدىسى رەيھان ئەسەت ئەينى ۋاقىتتا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن پەنلىرىدىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ، 2020-يىلىنىڭ بېشىدا ئىنىسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مەكتۇپنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىلگەن نۇسخىسىدا 50 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن بۇ سابىق ئوقۇغۇچىلار «ئەكبەر ئەسەدنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن بەكمۇ غەزەپلەنمەكتىمىز» دېگەن. شۇنىڭدەك ئامېرىكا تۇپرىقىدا مەلۇم مەزگىل ئوقۇش ۋە زىيارەت بىلەن مەشغۇل بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن ھەرقاچان ئىجابىي تەرەققىياتلارغا تۈرتكە بولۇپ كەلگەنلىكى، ئەكبەرنىڭ بولسا ئۇ ياقتىن قايتىشىغا بۇياقتىن قولغا ئېلىنىپ مەخپىي سوتتا قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

بىرلەشمە مەكتۇپنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يېزىلغان قىسمىدا ئادۋوكاتلار ئەكبەر ئەسەدنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنىڭ ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولۇشى ئېھتىماللىقىنى تەكىتلەپ: «ھازىر رەيھان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئىنىسىنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشىغا ياردەملىشىشنى سوراۋاتىدۇ. بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتىدىن بۇ ئىشقا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشنى سورايمىز،» دېگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھازىرچە بۇ ھەقتە ئاشكارا سۆز قىلمىغان بولۇپ، رەيھان ئەسەت ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يېقىندا قانۇنغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئىنىسى ئەكبەرنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىغا ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى