ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو «2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى. 2020-يىلى 11-مارت، ۋاشىنگتون.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 10-ئىيۇن كۈنى ئۆزىنىڭ يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنىڭ داۋاملىق ناچارلاشقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېر ۋە ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرىغا قامالغان تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا شۇنداقلا بەزى ئۇيغۇر خرىستىيانلىرىغا قارىتا «ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك مەجبۇرى غايىب قىلىۋېتىش، سىياسىي تەربىيە، جىسمانىي قىيىن-قىستاق، روھىي ۋە جىسمانىي خورلاش، جۈملىدىن مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇتۇپ تۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتمەكتە،» ئىكەن.

دوكلاتتا غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي سانىنى مۆلچەردىكىدىن كۆپ دەپ پەرەز قىلىۋاتقانلىقى، تۇتقۇندىكى يۈزلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، دوختۇر، ژۇرنالىست، سەنئەتچى، ئىلمىي تەتقىقاتچى، كەسپىي خادىم ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەلۇم ئەمەسلىكىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سوراق جەريانىدا ئۆلگەنلىكىگە ئائىت دوكلاتلارنىڭ بارلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئاشكارىلانغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلەرنى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىغانلىقىغا ئالاقىدار دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆتكەن يىلى دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىدە بەزى ئىجابىي تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتايدەك بەزى دۆلەتلەردە دىنىي ئەركىنلىك داۋاملىق دەپسەندە قىلىنغان. ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 10-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

پومپېيو مۇنداق دېگەن: «خىتايدا بارلىق دىنلارغا قارىتا دۆلەتنىڭ ھامىلىقىدىكى باستۇرۇش داۋاملىق كەسكىنلەشتى. خىتاي كومپارتىيەسى دىنىي تەشكىلاتلارغا كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، دىنىي ئىبادەتكە كوممۇنىستىك دوگمىنى سۆرەپ كىردى. شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، تىبەت بۇددىستلىرىنى، خرىستىئان ۋە فالۇڭونغچىلارنى باستۇرۇش داۋام قىلىپ كەلدى.»

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلىشەرقىي تۈركىستاندا مەسچىت ۋە باشقا ئىبادەت ئورۇنلىرىنى تاقاش، چېقىش ياكى ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى، بىخەتەرلىك ۋە تەقىبلەشنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىبادىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنى توپلىغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ خىل تەقىپلەش كىشىلەرنىڭ شەخسىي خاھىشىنى نازارەت قىلىش، ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە كادىرلىرىنى ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇش، پۇقرالارنىڭ تېلېفونىغا مەجبۇرىي جاسۇسلۇق يۇمتالى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاستىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

10-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋېنبېك مۇخبىرلارنىڭ لاگېرلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى شۇنداقلا خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بەرگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق دەلىل يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بىزدە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق دەلىل يوق. ھەتتا ئۇلار قويۇپ بېرىلگەن تەقدىردىمۇ خىتاي تەرىپىدىن قۇرۇلغان پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو رەھبەرلىكىدىكى بىر بىر مەۋھۇم ساقچى دۆلىتىگە قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ بىز بىلىدىغان پاكىت. بىز شىنجاڭدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. نۆۋەتتە سودا مىنىستىرلىقى بىر قىسىم خىتاي كارخانىلىرىغا ئېمبارگو قويۇپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا بازىرىدا سېتىشىنى چەكلىدى.»

سام بروۋېنبېكنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋەزىيەت. بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىمىز باشتۇرۇشنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىدۇر. ئۇيغۇرلار تۈرمە-لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قانداق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ كامىرادا تېقىپ قىلىنىشى، ئىجتىمائىي كرېدىت سىستېمىسى يولغا قويۇلۇشى، بولۇپمۇ دىنىي ئىبادەت قىلغانلار باشتۇرۇلۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز ئوقۇسىڭىز، ئىشلىسىڭىز، بەلكىم مەسىلە بولماسلىقى، ئەمما دىنىي ئىبادىتىنى قىلغانلار يامان ئاقىۋەتكە قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ھەرقانداق كىشىنىڭ تېلېفونى تەقىب قىلىنىدۇ. مانا بۇ بىز ئەندىشە قىلىۋاتقان كەلگۈسىدە شىنجاڭدىن ھالقىپ باشقا جايلارغا كېڭىيىشى مۇمكىن بولغان مەۋھۇم ساقچى دۆلىتىدۇر.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئىمزا قويۇشىنى كۈتۈپ تۇرغان ھالقىلىق بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. مەزكۇر قانۇن لاھىيەسى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللىنىپ، ئاقسارايغا يوللانغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بەرگەن بىر خەۋىرىدە پرېزىدېنت ترامپنىڭ مەزكۇر قانۇن لاھىيەسىگە ئىمزا قويماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىن كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۇركەل 10-ئىيۇن كۈنى مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى ھالقىلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت ئاپپاراتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى نىيىتىگە قارىتا ئورتاق بىر تونۇش شەكىللەنگەن. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بىر مەزمۇن بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇ بولسىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە تاجاۋۇز قىلغاندىن باشقا، سىستېمىلىق، مەقسەتلىك ۋە ناھايىتى ئوچۇق نىشان بىلەن تېخنىكا ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئەۋزەللىكنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، مىللىي كىملىكىنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، دېگەن چۈشەنچىدۇر،» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان ياكى مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا چەك قويۇشتا داۋاملىق «تېررورلۇق»، «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئەسەبىيلىك» دېگەن ئۇقۇملارنى باھانە قىلماقتا ئىكەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ‹ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى› ۋە ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› نى ئىشلىتىپ، تۇتقۇن قىلىشنى كۈچەيتتى. ھالبۇكى، ‹ئەسەبىلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى› ساقال قويۇش، رومال ئارتىش، ھاراقتىن پەرھىز تۇتۇش دېگەندەك ئاتالمىش ئەسەبىي خاھىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. دائىرىلەر شىنجاڭدا يەنە ئىماملارنى ناماز ئۆتىگەنلىكى، قۇرئان ئوقۇغانلىقى، ئىئانە يىغقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلدى. كىشىلەرنى ئۆيىدىكى دىنىي سىمۋوللارنى ئېلىپ تاشلاشقا بۇيرۇپ، ياشلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلىدى.»

مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئىنتايىن تەپسىلىي ۋە ئەتراپلىق بايان قىلىنغان. بۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان يېقىنقى 20 يىللىق تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىنى تۇنجى قېتىم ھازىرقىدەك بىر قەدەر تەپسىلىي ۋە ئەتراپلىق بايان قىلىشىدۇر.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى