«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 10-ئىيۇندىكى سانىدا 8-ئىيۇن كۈنى ئېچىلغان «بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى سۆھرەت زاكىرنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ساھەسىدە تېخنىكىلىق ئىش تۈرلىرىدە ئۈچ يىلدا 200 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك دوكلاتى بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
خەۋەردە شۆھرەت زاكىرنىڭ «پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ساھەسىدە تېخنىكىلىق ئىش تۈرى بويىچە ئۈچ يىلدا 200 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» نى تەكىتلىگەنلىكى، «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى تەربىيىلەشنى تېزلىتىپ، ئۇلارنى «دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندۇرۇش» نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
شۆھرەت زاكىرنىڭ بۇ سۆزى چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆھرەت زاكىر تىلغا ئالغان «تەربىيەلىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغان 200 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدىغانلىقى» نى، ئۇلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ ئەسلىدىكى يەرلىرىدىن ئايرىلغان، يەرلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن ۋە ئۆزلىرى يەرسىز، ئىشسىز قالغان يېزىلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
گوللاندىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ۋە ئانالىزچى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق يوقىتىش نىشانىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم خىتاي دائىرىلىرى تىلغا ئالغان ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ 2017-يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغان «قايتا تەربىيىلەش» نامىدا لاگېرلارغا سولانغان 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان «زامانىۋى قۇللارغا ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇرلار» دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيىلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا تارقاقلاشتۇرۇپ، رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغاندەك مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە خىتايلاشتۇرۇش نىشانىغا يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاسىيە خانىم سۆھرەت زاكىر تەكىتلەۋاتقان «3 يىلدا 200 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى تەربىيىلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پىلانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالغۇش ئېغىر بولۇۋاتقان ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلاردىن يىراقلاشتۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.