قەشقەردىكى ئېلېكتر ئاپتوموبىللىرى تىجارەتچىسى ئابدۇغېنى قادىر 2017-يىلى 4-ئايدا غايىب بولغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر باشقىلار ئارقىلىق ئۇنىڭ شۇ يىلى 7-ئايدا مەخپىي سوتلىنىپ، 7 يىللىق كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. لېكىن دائىرىلەر ئۇنىڭ قانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەڭەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئابدۇغېنى قادىرنىڭ ئەھۋالى زور ئەندىشە پەيدا قىلماقتا ئىكەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چاقىرىدا كىشىلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرما باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جياڭغا خەت يېزىپ، ئابدۇغېنى قادىرنىڭ «خەلقئارا ئۆلچەملەردە ئېتىراپ قىلىنغان بىرەر جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا ئائىت تولۇق، ئىشەنچلىك ۋە قايىل قىلارلىق دەلىللەر بولمىسا، قويۇپ بېرىلىشى، ئۇنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە ئادىل سوتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى» نى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئۇ قويۇپ بېرىلگىچە ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشى، ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشى، قىيىن-قىستاق ۋە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك» ئىكەن.
ئابدۇغېنى قادىرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇنىڭ 2016-يىلى مىسىرنى زىيارەت قىلىشى ۋە ئۆزى بىلەن مىسىرغا بارغان كىشىلەرنىڭ ئايروپىلان بېلىتىنى ئېلىپ بېرىشى سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تۇتقۇنىدا يەنە ئۇنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان كۈيئوغلى ئىلياسجان راخمانمۇ غايىب بولغان. ئۇ مىسىر دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى 7-ئايدا مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋەقەسىدە غايىب بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئايالى ئىلياسجان راخماننىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.