«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 8-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە چوڭ ھەجىملىك خەۋەر بېرىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ لاگېردىكى ساختا سوتلاردا سوتلىنىپ، قاماققا مەھكۇم بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ خىل ساختا سوتتا لاگېردىكى تۇتقۇنلارغا بىر جىنايەت تىزىملىكىنى بېرىپ، ئۇلارنى تىزىملىكتىكى بىر ياكى بىرقانچە جىنايەتنى تاللاشقا زورلايدىكەن. ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان زور تۇتقۇنىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، نۇرغۇن تۇتقۇنلارنى سوتلىغانلىقى، سوتلانغان تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، تۇتقۇنلارغا ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قامالغانلىقى ئېيتىلمايدىكەن. پەقەت ئۇلار تىزىملىكتىكى بىر ياكى بىر قانچە جىنايەتنى تاللاپ، ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە كېسىلگەنلىكىنى ئۆزى بېكىتىدىكەن. جىنايىتىنى تاللاشنى رەت قىلغانلارغا «مەڭگۈ لاگېردا قالىدىغانلىقى» ھەققىدە تەھدىت سېلىنىدىكەن. خەۋەردە بۇ سوتنىڭ پۈتۈنلەي ساختا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدا تۇتقۇننىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلالمايدىغانلىقى، دەلىل-ئىسپات، قانۇن-تەرتىپ دېگەنلەرگە ئەمەل قىلىنمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار لاگېردا يېتىپ چىققان 4 شاھىتنى ئايرىم-ئايرىم زىيارەت قىلغان.
ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان بۇ 4 شاھىت تىزىملىككە 70 نەچچە خىل جىنايەت كىرگۈزۈلگەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ تىزىملىكتىكى بىر ياكى بىر قانچە جىنايەتنى تاللاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئۇنىڭدىكى بەزى «جىنايەتلەر» نىڭ چەتئەلگە چىقىش، كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش دېگەندەك بىگۇناھ ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكىنى، كۆپ قىسمى ناماز ئوقۇش، ھىجاپلىنىش دېگەندەك دىنىي پائالىيەتلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار بۇ 4 شاھىتنىڭ سۆزلىرىنى مۇستەقىل دەلىللىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما «ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ھالقىلىق نۇقتىلاردا بىر-بىرىنى تولۇقلايدىكەن.»
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى