«12-نۆۋەتلىك جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە» يىغىنىدا ئامېرىكادىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى. 2020-يىلى 17-فېۋرال، جەنۋە.
8-ئىيۇن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى «دەۋر» ژۇرنىلىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»  ھەققىدە ئوبزور ئېلان قىلغان. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ دىنىي زىيانكەشلىككە چېتىشلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ئۇلارنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ماقالىسىدە يېقىندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ئىچكى قىسمىدا قالايمىقانچىلىقلار چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنىلا ئامېرىكانىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكانىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ھىمايىسىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس. دەرۋەقە، ئامېرىكا خەلقنىڭ دىققىتى بۇ سەۋەبتىن بۇرىلىپ كېتىۋاتىدۇ، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. ئامېرىكا ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئادالەت مەسىلىسىدۇر.»

مەزكۇر ئوبزورغا ئاساسلانغاندا، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدا ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشتا جاۋابكارلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئىقتىسادى جازا ۋە ۋىزا چەكلىمىسى قويالايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ تەھدىتى ۋە پاراكەندىچىلىكىدىن قوغداش ھەققىدە دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا بۇ قانۇن يەنە ئامېرىكادىكى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭشەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە دوكلات تەييارلاشنى، جۈملىدىن جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ سانىنى رەسمىي ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلالايدىكەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى خىتايدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش مەسىلىسىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ قانۇن ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چەكلىيەلمىسىمۇ، لېكىن خىتايغا كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ ئەلۋەتتە جازا قانۇنى ئەمەس، لېكىن بۇ قانۇن رەسمىي ئىجرا بولغاندا، ئۇنىڭ خىتايغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى زور بولىدۇ.»

ئوبزوردا يەنە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككىنچى قانۇن لايىھەسى- «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئالاقىدار مەزمۇنلارمۇ تىلغا ئىلىنغان. بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق ئامېرىكا تاموژناسى ۋە ئامېرىكا چېگرا قوغداش ئىدارىسى شەرقىي تۈركىستاندا  ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنى «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى» دەپ بىر تەرەپ قىلالايدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسى ھەرقانداق بىر ئامېرىكالىق ئىستېمالچىنى ئادالەتسىز ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇيۇملارنى ئىشلىتىشتىن ساقلاپ قالىدىكەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكالىقلارنىڭ «ھەرقانداق بىر خەلق ياكى ئىجتىمائىي توپلۇق تارىخىي، دىنىي ۋە ئىرقىي سەۋەبلەردىن كوللىېكتىپ ھالدا جازالانماسلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولماسلىقى كېرەك،» دېگەن چۈشەنچە بىلەن چوڭ بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكادىكى مۇھىم بىر تېمىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى دېگەن: «ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكادا پارتىيە، سىنىپ، ئىدېئولوگىيە ئايرىماستىن ھەممە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. شۇڭا ‹ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى› نىڭ ئىجرا بولىدىغانلىقىغا نىسبەتەن ئۈمىدىم زور.»

ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «ۋاشىنگتوننىڭ يېقىنقى يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، پرېزىدېنت ترامپ مەزكۇر ‹قانۇن لايىھەسى› گە قايسى شەكىلدە بولمىسۇن، چوقۇم ئىمزا قويىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى