مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ھەر جايدا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى بىر سەھىپىگە مۇجەسسەم قىلىندى.
مەركىزى نورۋېگىيەدە بولغان «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن 4-ئىيۇندىن باشلاپ «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» ناملىق يېڭى تور سەھىپىسىنى ئاممىغا ئېچىۋەتكەن.
«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا قېرىنداشلىرى بولغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ تور سەھىپىسىدە تېخىمۇ ئەركىن گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ئايرىم بىر سەھىپە تۇرغۇزۇپ ئۆز ئارخىپلىرىنى ساقلايدىغان، يېڭىلايدىغان، تارقىتىدىغان خاس ئارخىپ ئامبىرى قۇرالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بېرىلگەن ھەر خىل گۇۋاھلىق ماتېرىياللىرى توپلىنىپ مەزكۇر سەھىپىگە مۇجەسسەم قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەر بۇ جايدىن بارلىق گۇۋاھلىق ئارخىپلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىغا نائىل بولىدىكەن.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» تور سەھىپىسى توغرىسىدا توختالغاندا، بۇ سەھىپىگە جەم بولغان ئارخىپلارنىڭ قىممەتلىك ھۆججەت خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» 2019-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر يازما شەكىلدىكى، ئاۋازلىق ياكى سىن كۆرۈنىشى تۈسىنى ئالغان 6 مىڭدىن ئارتۇق گۇۋاھلىق ماتېرىياللىرىنى توپلىغان. بۇ ماتېرىياللار د ئۇ ق ئارقىلىق ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرى قاتارلىق ئورگانلارغا تاپشۇرۇلغان.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا لاگېر شاھىتلىرى ۋە ھەر ساھە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنبەلەردىكى پۈتۈن ماتېرىياللىرىنى بىر سەھىپىگە جەم قىلىشنىڭ تولىمۇ جاپالىق بىر خىزمەت بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر جامائىتى، مۇتەخەسسىسلەر ھەم سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ ئەمدى بۇ ھۆججەتلەردىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن زور قۇلايلىق بىر ئىمكان يارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى