خىتاي دائىرىلىرىنىڭ « شىنجاڭ گېزىتى» تورىدا ئېلان قىلىشىچە، 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى 5G تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندىن مەلۇم بولىشىچە، شەرقىي تۈركىستانغا 2 مىليارد 349 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 5G تورى قۇرۇشنى پىلانلىغان. 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 4140نى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1773نى قۇرۇشنى پىلانلىغان .
ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىدە 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمى بىرقەدەر تېز ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدە 5G ئابۇنىچىلىرى 168 مىڭ 600گە يەتكەن. نۆۋەتتە تۆمۈريول ئىدارىسى سودا چەمبىرىكى، دوستلۇق سودا چەمبىرىكى ، ئايروپورت لىنىيەسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسى قاتارلىق ئادەم ئېقىمى زىچ سودا رايونلىرى ھەم ئاساسلىق شەھەر رايونىنى بىرتۇتاش قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەربىي رايونى باش دوختۇرخانىسى 5G تورىنى قوللىنىپ، تۇنجى يىراق مۇساپىلىك B چاۋ تەكشۈرۈشىنى تاماملىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2022 – يىلغىچە، مەركىزىي شەھەر رايونىنى 5G تورى بىلەن قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرقايسى يېزا – بازارلىرىغىچە كېڭەيتىشنى پىلانلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر 5G تېخنىكىسىنى يولغا قويۇشنى قارىماققا تەرەققىيات ۋە خەلق ئۈچۈن پايدىلىق دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يەنە بىر مەقسىتى بارلىقى، يەنى ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۈچەپ يولغا قويۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مەنبە: « شىنجاڭ گېزىتى»