كانادادىكى پائالىيەتچىلەر كانادا سىياسىيونلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە قارىشى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن پائالىيەت باشلىغان.
ئۇلار، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە يولۇقۇۋاتقان لاگېر سىياسىتى قاتارلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە كانادا ھۆكۈمىتى قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلار شەرھلەنگەن بىر پارچە مەكتۇپ تەييارلاپ كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە تارقاتقان. جامائەت مەكتۇپنى ئۆز تەۋەسىدىكى كانادا پارلامېنت ئەزالىرىغا يوللاشقا چاقىرىلغان.
مەكتۇپتا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېر ۋە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلق ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق يوشۇرۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
مەكتۇپتا يەنە «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» ۋە بىر قىسىم نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر مىسال قىلىنىپ، 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ «ناتسىست ئۇسلۇبىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا تاشلانغان» لىقى ۋە بۇلارنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن روھىي ۋە جىسمانىي قىيىن-قىستاققا مۇپتىلا قىلىنغانلىقى» بايان قىلىنغان.
مەكتۇپتا كانادا ھۆكۈمىتىگە قارىتىپ 5 تۈرلۈك تەكلىپ سۇنۇلۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر» گە ئىنكاس قايتۇرۇشقا ۋە بۇلارنى جىددىي رەۋىشتە ئەيىبلەشكە چاقىرىلغان.
تەكلىپتە كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر» نى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا، «ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ بۇ جىنايەتلەردە قولى بار ئەمەلدارلارنى جازالاشقا ۋە كانادا پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دەۋەت قىلىنغان.
20-ماي تەييارلانغان مەزكۇر مەكتۇپنىڭ كانادادىكى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ قانچىلىك پارلامېنت ئەزاسىغا يوللانغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى