ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «ئېكسپرېسس» گېزىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن غەزەپلەنگەن يېرىمدىن كۆپرەك ئەنگلىيە پۇقراسىنىڭ خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرى.

ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلماقتا ئىكەن.

ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «ئېكسپرېسس» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتتىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن غەزەپلەنگەن يېرىمدىن كۆپرەك ئەنگلىيە پۇقراسى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلغان.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلىرى خىتاي ماللىرىنى ئېلىشنى پۈتۈنلەي توختاتقان بولسا، بەزىلىرى خىتاي ماللىرىنى قىسمەن بايقۇت قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى دوكلاتىنى «رەدفېيلد ۋە ۋىلتون» تەتقىقات جەمئىيىتى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېلىپ بارغان راي سىناشقا ئاساسەن تەييارلىغان. راي سىناشتا ئەنگلىيە نوپۇسىنىڭ 49 پىرسەنتىنىڭ خىتاي ماللىرىنى ئېلىشنى بايقۇت قىلغانلىقى، 51 پىرسەنتىنىڭ خىتاي ماللىرىنى ئېلىشىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان.

خەۋەرگە قارىغاندا يەنە، نۆۋەتتە ئەنگلىيەدە خىتاي ماللىرىغا قارىتىلىدىغان جازا بېجىنى ئاشۇرۇش پىكىرىنى قوللايدىغانلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك يىرىكلەشكەن ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى خىتاينىڭ خوڭكوڭغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋپسىزلىك قانۇنىنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ يامانلاشقان.

خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش سادالىرى، ئامېرىكادىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى رىك سكوت يېقىندا «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ھېچكىم ئالماسلىقى لازىم» لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى