ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى رىك سكوت يەكشەنبە كۈنى ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ياشاش خىزمىتىنى ئاقسىتىپ قويۇش ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىدا بولۇۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا ئائىت دەلىل ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ ۋاكسىنىنى چوقۇم ياساپ چىقىمىز. ھالبۇكى، كوممۇنىست خىتاي بىزگە زىيانكەشلىك قىلىشقا ياكى ئىشلىرىمىزنى ئاقسىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. قولىمىزدا ئىسپات بار. خىتاي بىزنىڭ بۇنى تۇنجى بولۇپ ياساپ چىشىمىزنى خالىمايدۇ. ئۇلار ئامېرىكا ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ دۈشمىنى بولۇشنى تاللىدى.»
ئۇ خىتاينىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىغا ئائىت ئىسپاتلار ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ بۇنىڭ ئامېرىكا ئىستىخبارات تارماقلىرىدىن كەلگەنلىكنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك توربۇزارلارنىڭ (خاككېرلارنىڭ) ئامېرىكىنىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا، داۋالاش ۋە دىئاگنوز تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنى ئۆز بىر نەچچە دۆلەت كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشقا تۇتۇنغان ۋە دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.
رىك سكوت سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىقتىسادىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ ۋاكسىنا ھەممەيلەنگە بىردەك مۇھىم. مەيلى ئەنگلىيە ۋە مەيلى بىز باشتا ياساپ چىقايلى، بىز بۇنى بىر-بىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىمىز. ئەمما كوممۇنىست خىتاي ئۇنداق قىلمايدۇ.»