4-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، ياپونىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق توققۇز دۆلەتنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.
قىسقىچە ئايپەك(IPAC) دەپ ئاتالغان بۇ كومىتېت ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە روبېرت مېنېندېز، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رېينخارد بۇتىكوفېر ۋە پارلامېنت ئەزاسى، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى ئىئىن دانكان سىمىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 داڭلىق پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنيا سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇش ئۇرۇنۇشىغا قارىتا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشىمىز، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى تاشقى سىياسەت مەسىلىمىزدۇر».
بۇ كومىتېتىنىڭ كوردىناتورى (ماسلاشتۇرغۇچىسى) لۇيىك دى پۇلفورد (لۇكە دە پۇلفورد) يېڭى قۇرۇلغان كومىتېت ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇزۇندىن بېرى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا تەدبىر قوللىنىپ كەلدى. ئۇلار خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈلگەن ۋە ھەتتا تەڭسىز سودا شەرتنامىلىرى بىلەن سودا قىلغان، خىتايغا ئالاقىدار سىياسىي مەسىلىلەردە ئاگاھلاندۇرۇلغان. نۆۋەتتە بىرلەشكەن بارلىق دۆلەتلەر شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ھېچقانداق بىر دۆلەت خەلقئارالىق تەرتىپنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا يالغۇز قالدۇرۇلماسلىقى كېرەك. ئۇلار ھەممىمىزنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى. شۇڭا بارلىق ئەركىن دۆلەتلەر بىرلىشىپ ھەرىكەت قېلىشىمىز كېرەك. خىتايغا قارشى تەشكىللەنگەن خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بارلىق دۆلەتلەر بىرلىشىپ دۇنيا تەرتىپىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى بىرلىكتە قوغداش».
خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا بۇ كومىتېتىنىڭ بەش تۈرلۈك نىشانى بار بولۇپ، ئۇلار: خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، سودىدا ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە لۇيىك دى پۇلفورد قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپكە قېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. لېكىن، بارلىق تەلەپلەر باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش. خەلقئارا سىستېمىنىڭ قائىدىلىرىگە بويسۇنۇشى كېرەك. سودا قائىدىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇشىغا يول قويۇشى كېرەك. بىراق، ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقىنى كەلگۈسىدە باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ بېشىغا كېلىش ئېھتىماللىقى بار. تېخى ھېچبىر دۆلەت خىتايغا ‹ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمنى توختات› دېمىدى. ئەسلىدە دۇنيا تەرتىپىنى قوغداپ قالىمىز دېسەك، پۈتۈن دۇنيا بىرلىشىپ ئۇيغۇرلارنى قوغداش كېرەك».
ئەنگىليەدە ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئەكېلىشكە تىرىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇتمۇ بۇ كومىتېتنىڭ مەركىزىي كاتىباتلىق بۆلۈمىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كومىتېتتىكى رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن دوكلات بېرىش ۋە بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈش».
رەھىمە خانىم يەنە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بۇ كومىتېتنىڭ مەسلىھەتچىلىرى تەركىبىدە ئىستراتېگىيە بۆلۈمىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مۇشۇنداق خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان چوڭ كومىتېتتىكى ئىككى ئۇيغۇر خىتاينىڭ ئىككى كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ».
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ‹ئورتاق تەقدىر› شوئارىنى توۋلاپ دۇنياغا خىتاينىڭ قىممەت قارىشىنى تېڭىۋاتىدۇ، شۇڭا خىتايغا قارشى خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش ئۈچۈن ‹ئايپەك›نىڭ قۇرۇلۇشى بەكمۇ مۇھىم. مۇشۇنداق خىتاي ھەققىدە مۇھىم قارارلار چىقىرىلىدىغان يەردە ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بېرىلىشى جەلقئارانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى».
بۇ كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئىنكاس قوزغىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، 5-ئىيۇن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ كومىتېت ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىز ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىمىز، خەلقئارا تەرتىپكە بويسۇنىمىز. باشقا دۆلەتلەر ھەر خىل باھانىلەر بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك».
لۇيىك دى پۇلفورد ئاخىرىدا بۇ كومىتېتنىڭ خىتايغا ئەمەس، خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› پىلانىغا باغلىنىپ قالغاچقا خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرالمايۋاتىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەمەس ئۇلارنىڭ يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىگە قارشى. خىتاينىڭ ئاسارىتىدە قالغان دۆلەتلەرنى بىخەتەر ئورۇنغا ئېلىپ چىققاندا بىزنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ».
خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى «خەلقئارا تەرتىپنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى» دېگەن نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى