养猪场长期将猪粪偷排入河道居民:河水味道不堪忍受_手机新浪网

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار رايونى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ باقمىچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانى كەڭ كۆلەملىك يولغا قويۇلماقتا. خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر ۋە باي ناھىيەرلىرىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ چاقىلىق ناھىيەسىگىمۇ چوڭ كۆلەملىك چوشقا باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇشقا باشلىغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ ئالدىدا قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ۋە ئاقسۇنىڭ باي ناھىيەلىرىدە چوڭ كۆلەملىك چوشقا باقمىچىلىق بازىرىلىرىنى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر پىلانىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغان بۇ رايونغا چوشقا باقمىچىلىق بازىلىرىنى قۇرۇشىنىڭ «غەرەزلىك ھەرىكەت» ئىكەنلىكى، بۇنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا يولغا قويۇۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچلىقى» سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خىتايدىكى «جۇڭگو خەۋەرلەر» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى چوشقا باقمىچىلىق بازىسى مەزكۇر ناھىيەنىڭ تاشساي كەنتىدە قۇرۇلۇشقا باشلىغان.

خەۋەردە بۇ چوشقا باقمىچىلىق بازىسىغا 2 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغانلىقى، ئۇنىڭدا يىلىغا 1 مىليون 100 مىڭ تۇياق چوشقا بېقىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ قۇرۇلۇشنى «چياڭدۇ ئورمانچىلىق-باقمىچىلىق ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» ناملىق بىر شىركەت ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 20-ماي كۈنى رەسمىي قۇرۇلۇش باشلانغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا مەزكۇر رايوننىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ چوشقا باقمىچىلىقى بازىسىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىنى چوشقا گۆشى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى