ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ بىر تۈركۈم ئەزاسى ھەر ئىككى پالاتادا «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەش، خىتاينىڭ خوڭكوڭدا ئەركىنلىك ۋە ئاپتونومىيە ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەنقىدلەش قارار لايىھەسى سۇنغان. قارار لايىھەسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاق تەشكىللىشى، بارلىق دىپلوماتىك ۋاستىلارنى ۋە نىشانلىق ئېمبارگو قوراللىرىنى ئىشقا سېلىپ، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشى تەلەپ قىلىنغان. مەزكۇر قارار لايىھەسىنى ئاۋام پالاتاسىدا كرىستوفېر سىمىت بىلەن جەيمىس مىكگوۋېرن، كېڭەش پالاتاسىدا ماركو رۇبىئو بىلەن جەف مېركلېي ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «بۇ قارار ئارقىلىق تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مىكگوۋېرن بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق دىپلوماتىك ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىپ، خوڭكوڭدا قانۇن ۋە ئەركىنلىكنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيەسى ئۆز پۇقرالىرىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى ئىزچىل سىستېمىلىق باستۇرۇپ، خوڭكوڭ ئاپتونومىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئۆلگەنلەرنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلارنىڭ قالدۇرغان مىراسىنى ساقلاپ قالىدۇ» دېگەن.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى جەف مېركلېينىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قارار لايىھەسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە «ئامېرىكانىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى قۇربانلار ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى ياقلىغۇچىلاردىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستاندا جازالىنىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغىچە ئەركىنلىكنى قوغدىغۇچىلار تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال ئىكەن»
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر قارار لايىھەسىنى دايان فاينىشتايىن ستېف دەينېس، تود يوڭ، كورېي گرادنېر، رىك سكوت، جوش خاۋلېي، تام سوزى، ۋىكى خارتلەر، بەن مىكادامس قاتارلىق جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش ھەم ئاۋام پالاتا ئەزالىرى قوللىغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى