
تۈركىيەنىڭ مالتەپە قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تەقدىرى ۋەقەدىن خەۋەردار ئۇيغۇرلارنى جىددىي ھالدا ئەندىشىگە سالماقتا. مۇخبىرىمىز بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى بۇ ھەقتە زىيارەت قىلىپ قۇرۇلتاينىڭ ياپچان ھەققىدە نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات سورىدى. رابىيە خانىم بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا خىتاب قىلىپ، ئۇنى ياپچان مەسىلىسىدە قارار چىقارغاندا مەزلۇمنىڭ دۇئاسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.
سوئال: تۈركىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ، سىز ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بىر رەھبىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، بۇ تۇتقۇن ھەققىدە قانداق ئوي، قانداق ھېسسىياتتا؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە، مۇھاجىرەت ھاياتىمدىكى مېنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرغان، مېنى ئەڭ ئازابلىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى بۇ، چۈنكى بۇ تۇتقۇن، ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغان خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلمىدى، ئۇ، خىتاينىڭ يانتاياقلىرى تەرىپىدىنمۇ تۇتۇلمىدى، پەقەت قېرىندىشىمىز تۈركىيەدە، تۈرك -ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۈلگىلىك بىر دۆلىتىدە، ھەق-ئادالەت ئۈچۈن خەلقى تانكىنىڭ ئاستىغا ئۆزىنى ئاتالايدىغان بىر جەمئىيەتتە، ئەردوغانغا ئوخشاش دۇنيادا مەزلۇمنىڭ يېنىدا تۇرۇش بىلەن شان-شەرەپ تاپقان بىر پرېزىدېنتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلدە يۈز بەردى.
سوئال: ياپچاننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى چىققاندىن كېيىن، نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ۋە نېمىلەرنى قىلماقچىسىز؟
جاۋاب: ئۇچۇرغا دەسلەپتە ئىشەنمىدىم ۋە يالغان بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدىم، ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتۈم، قۇرۇلتايدىكى پۈتۈن سەپداشلىرىمنى سەپەرۋەر قىلدىم. بىر كۈنمۇ توختىغىنىم، ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى بىر كۈنمۇ ئەستىن چىقارغىنىم يوق. ئىنسانىي ھەقلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلدىم؛ ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر ئەھۋال مەلۇم قىلىپ بارغان يەرلىرىمدە تۈركىيەنى تەنقىدلەشكە ئېغىزىم بارمايدۇ، دۇنيا جامائىتى ئالدىدا تۈركىيەدىن شىكايەت قىلىشقا يۈزۈم قىزىرىدۇ، شۇڭا خىتاينىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك كۈچىگە تايىنىپ، دۆلەتلەرنىڭ ئاجىز پەيتلىرىدىن پايدىلىنىپ، دۇنياغا زوراۋانلىقنى يېيىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدىم.
سوئال: تۈركىيەنىڭ ياپچاننى نېمە ئۈچۈن تۇتقانلىقىدىن خەۋىرىڭىز بولدىمۇ؟ تۇتۇش سەۋەبىگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: ئارىلىقتا ئېچىلغان سوت ئەيىبلىمىسىدىن مەلۇم بولدى، خىتاينىڭ تەلىپى ۋە ئۇنىڭ 14 يىل بۇرۇن تېررورلۇق ئەيىبلىمىسى بويىچە چىقارغان خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن تۇتۇلغان. مەلۇمكى ياپچان 15 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ياشاۋاتىدۇ، ياپچاننىڭ دىنىي ۋە مىللىي تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدىن باشقا ئىشقا ئارىلاشمايقانلىقىنى خىتايمۇ،تۈركىيەمۇ ئوبدان بىلىدۇ، بۇ يەردە خىتاي ئۆزىنىڭ دىپلوماتىك كۈچىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى بىر قىسىم ئېھتىياجلىرىنى پۇرسەت بىلىپ، تۈركىيەنى ياپچاننى قايتۇرۇشقا قىستاۋاتقانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس.
سوئال: خىتاينىڭ ياپچاننى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، تۈركىيەگە تاپشۇرغان پاكىتلىرىدىن خەۋىرىڭىز بولدىمۇ ۋە ئۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: خىتاي ئۆز تۈرمىلىرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ يالغان ياكى قېيىن-قىستاقتا مەجبۇرىي قىلدۇرۇلغان ئىقرارنامىلىرىنى، ياپچاننىڭ ئاتالمىش تېررورلۇق جىنايىتىگە پاكىت قىلىپ سۇنغان. خىتاينىڭ سىياسىي مەھبۇسلارنى قېيىن -قىستاق ئارقىلىق ئىقرار قىلدۇرۇۋاتقانلىقى ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن نەچچە قېتىملاپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بىر رېئاللىق ۋە خىتاينىڭ كۆپلىگەن بىگۇناھ سىياسىي مەھبۇسلارنى قېيىن -قىستاق بىلەن تېلېۋىزورلاردا ئىقرار قىلدۇرۇۋاتقانلىقىمۇ پۈتۈن خەلقئارا جامائەت تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنىۋاتقان بىر رەزىللىك، ئەسلىدە تۈركىيەدەك بىر قانۇن دۆلىتىنىڭ سوتچىلىرى ئۈچۈن، بۇ ئۈستىدە باش قاتۇرۇلۇشقا ئەرزىيدىغان بىر پاكىتلار ئەمەس ئىدى، شۇڭا ياپچان ئۈستىدە داۋام قىلىۋاتقان بۇ جەرياننى قانۇنىي ئەمەس، سىياسىي دەپ قارايمەن…يەنە تۈركىيەگە ئەسكەرتىدىغىنىم، خىتاي تېلېۋىزورلاردا مېنىڭ بالىلىرىمنى ماڭا قارشى سۆزلەتكەن، بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ ياپچان ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلمايدىغانلىقىنى ئويلىشىشى كېرەك؛ ئامېرىكىمۇ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينىڭ پاكىتلىرىنى ئىشەنچسىز دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىش تەلىپىنى رەت قىلغان.
سوئال: ياپچان، خىتاي تۈرمىسىدە 12 يىل ياتقان، ئۇ نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئىقامەت بىلەن ياشاۋاتىدۇ، خىتاينىڭ ياپچاننىڭ پېشىنى قويۇپ بەرمەسلىكىدە سەۋەب نېمە سىزچە؟
جاۋاب: بىرىنچى، ياپچان ھەقنى سۆزلەۋاتىدۇ، خىتاينىڭ ئىشغالىيەتچى بىر كۈچ ئىكەنلىكىنى، شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتنىڭ مۇستەملىكىچى سىياسەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ بىر دۆلەت بولۇپ ياشىيالمايدىغانلىقىنى سۆزلەۋاتىدۇ ۋە ياشلارنى ھەق-ناھەقنى تونۇشقا، ئىدىيىدە بىرلىك شەكىللەندۈرۈشكە دەۋەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھەر ۋاقىت ھەقنى سۆزلىگەنلەردىن قورقىدۇ، ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئىككىنچىدىن، ياپچان ھايات مۇساپىسى، چاقىرىق كۈچى سەۋەبلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى داۋاغا سىمۋوللۇق بىر شەخس، خىتاي ياپچاننى قايتۇرۇپ ئەكېتىش ئارقىلىق پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى سۇندۇرماقچى، قېرىنداشلىرىدىن، دۇنيانىڭ ئادالىتىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىد ئۈزدۈرمەكچى، ئۇيغۇرلارنى ھەرقانداق زۇلۇمغا باش ئېگىدىغان قۇلغا ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، مەن شۇڭا، ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيەنى بۇنداق بىر رەزىللىككە شېرىك بولمايدۇ دەپ قارايمەن ۋە تۈركىيەنى بۇنى تېز تونۇپ ئابدۇقادىر ياپچاننى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمەن. ئاخىرىدا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ياپچان مەسىلىسىدە قارار بەرگەندە، مەزلۇمنىڭ دۇئاسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا دەۋەت قىلىمەن.