بىلىمزار- بىلىمدان بىلوگىغا كەلگەنلىكىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ...

خىتايدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان گېن ئۇچۇرلىرىنى رەتلەش ۋە بىئولوگىيەلىك داۋالاش شىركىتى BGI شەرقىي تۈركىستاندا  گېن بانكىسى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. مەزكۇر شىركەت يەنە چەتئەللەرنى تاجسىمان ۋىرۇس تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن تەمىنلەۋاتقان شىركەت ئىكەن.

ئامېرىكانىڭ «ئاكىيوس» ناملىق خەۋەر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، BGI شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاھالىلەرنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغىش-رەتلەش ئىشلىرىغا قاتناشقان شىركەت بولۇپ، ئۇ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا گېن بانكىسى ۋە «ئەدلىيە ھەمكارلىقى» مەركىزى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. «ئاكىيوس» خەۋەر تورىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭ مەقسىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى گېن ئۇچۇرى ئارقىلىق نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئىكەن.

ئامېرىكا جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك مەركىزى (NCSC) نىڭ باشلىقى ۋىليام ئېۋانىنا «ئاكىيوس» خەۋەرلىرىگە قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەرشارىدىكى ئاھالىلەر ھەققىدە قوشۇمچە شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلىيالايدىغان ھالەتكە كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشىمىز ئىنتايىن ئورۇنلۇق،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇنداق شېركەتلەرنىڭ خەلقئارادا تاجسىمان ۋىرۇس تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشى ئۇلارنى غايەت زور DNA سانلىق مەلۇماتى يىغىۋالىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، ئۇلار يەرشارى مىقياسىدىكى بۇنداق ۋىرۇس تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ چوقۇم شەخسى ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىنى تەكىتلىمەكتىكەن. بولۇپمۇ يۇقىرىقى شىركەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ۋە نازارەت قىلىش ۋە خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلغان بولۇشى ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى