گۈلئايشە ئورالباينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا چىقارغان تۈرمىدىكى قېرىنداشلىرى.

غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاش يېزىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندا كۇيتۇڭ شەھىرىگە يەرلەشكەن ئورالباي قېرىنداشلار ئارىدىن 20 نەچچە يىل ئۆتكەندە كۆزگە كۆرۈنمەس بىر بوراننىڭ زەربىسىدە تىنچ ئىشخانىلىرىدىن، باس-باس دۇكانلىرىدىن ۋە ئىللىق ئائىلىلىرىدىن ئايرىلىپ، 3 نەپىرى قاراڭغۇ كامىرىغا تاشلانغان، 4 نەپىرى ياقا يۇرتلارغا ۋە چەتئەلگە سەپەر قىلغان. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان گۈلئايشە ئورالباينىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى تۇرمۇشىنى مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە داۋاملاشتۇرغاندىن باشقا خىتاينىڭ زىتىغا تېگىدىغان ھېچقانداق بىر ئىشنى قىلمىغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق 160 مىڭ نوپۇسلۇق كۇيتۇڭ شەھىرىگە بۇ ئائىلە سىغمىغان.

گۈلئايشە ئورالباينىڭ ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن بىلىشىچە، ئاكىسى دىلشات ئورالباي 25 يىللىق كېسىۋىتىلگەن. ئۇنىڭ كىسىۋىتىلىشىگە ئۇنىڭ 2008- يىلىدىن بېرى قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا تىجارەت بىلەن شوغۇللانغانلىقى ، ،سىڭلىسى گۈلئايشە ئورالباينىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلىقى سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن. گۈلئايشەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاكىسى دىلشات ئورالباي 20018- يىلى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، شۇ يىلى 6- ئايدا سوتنىڭ ھېچقانداق ھۆكۈم قەغىزىمۇ يوق ھالدا 25 يىللىق كېسىۋىتىلگەن.

ئىككىنچى سىڭلىسى باختىگۈل ئورالباي بولسا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ، كۇيتۇڭدىكى گېزىتخانىدا ئىشلىگەن. گېزىتخانا تاقىلىپ كەتكەندىن كېيىن 2008 يىلدىن بېرى كۈيتۇڭدا شەخسىي كىتاپخانا ئېچىپ، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغان. باختىگۈل ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلىپ 19 يىللىق كېسىۋىتىلگەن.

ئۈچىنچى سىڭلىسى باغىلە ئورالباي بولسا، ھەدىسى باختىگۈل بىلەن بىر قورودا ئۆزىنىڭ شەخسىي دۇكىنىنى ئېچىپ ساتىراچلىق بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ 15 يىللىق كېسىۋىتىلگەن.

گۈلئايشەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىڭللىرىنىڭ كىسىلىپ كىتىشىگە، ئۇلارنىڭ دۈبەيگە ساياھەتكە چىققانلىقى سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بىر نەچچە ئاي ئاۋۋال ئۇ  ئاكىسى دىلشات ئورالباي بىلەن سىڭلىسى باختىگۈل ئورالباينىڭ كۈنەس تۈرمىسىدە، كىچىك سىڭلىسى باغىلە ئورالباينىڭ كۇيتۇڭ تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىلى ئوبلاستىغا قاراشلىق كۇيتۇڭ شەھىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران 6.8 پىرسەنتىنى قازاق، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. كۇيتۇڭدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا قازاقلارنىڭ نوپۇسى ئالدىنقى ئورۇندا. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا 2017‏-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە نىشانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي بوران-چاپقۇندا يەنە قانچىلىغان قازاق ئائىلىلەرنىڭ ئۇۋىسىدىن ئايرىلغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئورالبايلار ئائىلىسىدىكى بىر تۇغقان قېرىنداشلارنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى ئەنە ئاشۇ ئۇۋىسىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلارنىڭ پاجىئەلىك ھېكايىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى