خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدە بىر يىلدىن بۇيان ھېچقانداق خەۋىرى بولمايۋاتقان ماھىرە ياقۇپنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇ مەسىلىنى ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىسى بولغان «ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك رادىيو شىركىتى» نىڭ پروگراممىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلاتقان.
مەلۇم بولۇشىچە ماھىرە ياقۇپ 2013-يىلى ئاۋسترالىيەدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئۇلارغا خىتايدىن پۇل سېلىپ بەرگەن. 2019-يىلى مايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى «تېررورلۇق ھەرىكىتىگە مالىيە جەھەتتىن ياردەملەشكەن» دېگەن ئەيىب بىلەن قولغا ئالغان.
«ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك رادىيو شىركىتى» نىڭ 2-ئىيۇن كۈنى تارقىتىلغان ئاڭلىتىشىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى سامانسا كلىنۋورس، ماھىرە ياقۇپنىڭ قېرىندىشى مەرھابا ياقۇپ ۋە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئانالىزچىسى ۋىكىي شۈ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە باغلىغان ھالدا ماھىرە ياقۇپ دۇچ كەلگەن پاجىئەنى مۇھاكىمە قىلدى.
سۆھبەتتە ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى زور تۇتقۇننىڭ ئەھۋالى ھەمدە بۇ جەرياندا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىش ئەھۋالىنى چۆرىدىگە ھالدا ماھىرەنىڭ ئىلگىرى بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ قويۇۋېتىلگەنلىكى ۋە 2019-يىلى رەسمىي قولغا ئېلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئاراغا ئۇيغۇرلارنى قانداق قىلىپ تېررورچى سىياقىدا تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
سامانسا خانىم بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىرە ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار نورمال پائالىيەتلەرنى ئەسەبىيلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى دېگەن. «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋىكى شۈ بولسا نۆۋەتتە چەتئەل بىلەن خىزمەت، ساياھەت ياكى ئوقۇش دېگەندەك ئالاقىسى بولغانلىكى ئۇيغۇرنىڭ بىردەك تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ماھىرەنىڭ ئەنە شۇ دولقۇندىكى بىر شەخس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
پروگراممىنىڭ ئاخىرىدا ماھىرەنىڭ بىگۇناھ ھالدا قولغا ئېلىنىشىغا قارىتا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگە چىقىشى لازىملىقى ھەققىدىكى چاقىرىق يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بولسا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان ئىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى