قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا رامىزاندا سۇ ئىچكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى ئىيۇل.

مەلۇم بولىشىچە،  قەشقەردىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ ئوچاقلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى 1956-يىلى قۇرۇلغان ئىكەن. كېيىنچە قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئاتالغان بۇ مەكتەپ 2019-يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، «شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى» گە ئايلاندۇرۇلغان.

قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بۇ ئۆزگىرىش توغرىلىق تۇنجى خەۋەر 2019-يىلى 17-ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى تيەنشۈي پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مەكتەپ تورىدا ئېلان قىلىنغان. قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ نامىدا ئېلان قىلىنغان ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا مەزكۇر مەكتەپنىڭ 1956-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تارىخى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.

ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يىللاردىن بۇيان قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا يەنە مەزكۇر مەكتەپنىڭ 2019-يىللىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، «شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى شۆبە ئوتتۇرا مەكتەپ» كە ئايلانغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئۇقتۇرۇشتا بايان قىلىنىشىچە، 2019-يىلى 4-ئايغا قەدەر مەزكۇر مەكتەپتە 59 سىنىپ، 2811 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە 319 نەپەر ئوقۇتقۇچىسى بار ئىكەن. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىنى مەركەز قىلىپ پۈتۈن دۆلەت بويىچە يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەلۇماتلىق ۋە ماگىستىر ئاسپىرانت دىپلومى بار بولغان 30 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ يۇقىرى مائاش ۋە قوشۇمچە تەمىناتلار بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئۇقتۇرۇشتا يەنە 2019-يىلى پەقەت تيەنشۈي پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدىنلا 19 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەنلەرنىڭ 4361 يۈەن، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەنلەرلەرنىڭ 5021 يۈەن مائاش ئالىدىغانلىقى، قوشۇمچە پاراۋانلىق تەمىناتى بىلەن ئايدا 8 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى مائاش ئالىدىغانلىقى، ئىشلىگەن ۋاقتى بىر يىلغا تولغاندىن كېيىن بىر قېتىمدىلا 12 مىڭدىن 15 مىڭ يۈەنگىچە يىللىق مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخىرلىرىنىڭ ئەھۋال ئىگەللەش جەريانىدا مەكتەپنىڭ كادىرلار بۆلىمىدىكى خىتاي خادىمنىڭ دېيىشىچە،  مەكتەپكە يېڭىدىن خىتاي تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋاملىق قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىقى، دەرسلەرنىڭ «دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشى» نامىدا پۈتۈنلەي خىتايچە ئۆتۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.

ھالبۇكى، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بۆلىمىدىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر خادىمنىڭ بايانىدىن مەكتەپنىڭ ئىلگىرىكى غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئامىنە مۇئەللىمگە ئوخشاش ئىقتىدارلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غايىب بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ سۈرۈشتۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئاشكارىلانغان.

ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى قەشقەر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللار ۋە بۇ مەكتەپنىڭ بارا-بارا خىتايچىلاشتۇرۇش جەريانى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى ئۆز ۋاقتىدا «قەشقەر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى» دەپ ئاتالغان قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچىمۇ ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتۇشىدا زور ئۈنۈم ياراتقان مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى مەمەت تۇرسۇن ئىبراھىم ۋە 2013-يىللاردا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدە بولغان دولقۇن تۇرسۇنغا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە نەچچە ئەۋلاد ئىقتىدارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يېتىشىپ چىققان ئىكەن.

جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ ئامېرىكاغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشتىن ئىلگىرى 2012-يىلى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئانا مەكتىپى بولغان قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتكەن. ئۇ شۇ يىللاردىلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «قوش تىللىق مەكتەپ» نامىدا خىتايچە ئوقۇتۇشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى، كېيىنچە مەكتەپتىكى دولقۇن تۇرسۇنغا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىلىرىنى لاگېرلارغا قاماش ياكى شاللىۋېتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مائارىپىنى ۋەيران قىلىشنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىنى بېسىپ بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى