ئانا تىل تەشۋىقاتى

2013-يىل 21-فېۋۇرال كۈنى، يەنى پەيشەنبە كۈنى قەشقەردە ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر پائالىيەتكە قەشقەردىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان. يىغىندا ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ئانا تىل يەسلىسى» قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر يىغىندا قەشقەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قەشقەر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى دولقۇن تۇرسۇنمۇ سۆز قىلىپ، ئانا تىلنى قەدىرلەش ھەققىدە ناھايىتى تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلىگەن. پائالىيەتتىن كېيىن ئۇنىڭ نۇتۇقىدىكى «چەتئەل تىلى بىلىش شەرەپ، ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت» دېگەن سۆزى سەۋەبلىك ئۇ كېيىنكى مەزگىللەردە دائىرىلەر تەرىپىدىن كۆپ قېتىم سوراق قىلىنغان ئىكەن.

چەتئەلدە ئېلان قىلىنغان تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تىزىملىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن شۇ قېتىمقى پائالىيەتتە نۇتۇق سۆزلىگەن قەشقەر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى دولقۇن تۇرسۇن قەشقەردە تۇنجى تۈركۈمدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىكەن.

قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى دولقۇن تۇرسۇننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئەڭ ئاۋۋال ئابدۇۋېلى ئايۇپ قاتارلىقلار تەييارلىغان «تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى» تىزىملىكىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

يۇتۇپ تورىدا ھېلىمۇ مەۋجۇت بولغان 2013-يىلى 21-فېۋرال كۈنى قەشقەردە ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئانا تىلنى خاتىرىلەش» پائالىيىتىنىڭ فىلىمىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پائالىيەتكە قەشقەردىكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تەكلىپ قىلىنغان. بولۇپمۇ قەشقەردىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىككى قارار رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن سابىق ئىلمىي مۇدىر، پېشقەدەم مائارىپچى مەمەت تۇرسۇن ئىبراھىم بىلەن 2013-يىلى مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتقان دولقۇن تۇرسۇن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. يىغىندا ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ نۇتۇقىدىن باشقا يەنە ئەينى ۋاقىتتا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركولوگىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن 50 ياشلار ئەتراپىدىكى دولقۇن تۇرسۇننىڭ تەسىرلىك نۇتقى يىغىن ئەھلىنى ھاياجانغا سالغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى دولقۇن تۇرسۇن شۇ كۈنى سۆزلىگەن نۇتۇقىدىكى «چەتئەل تىلى بىلىش شەرەپ، ئانا تىل بىلمەسلىك جىنايەت» دېگەن سۆزى سەۋەبلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن كۆپ قېتىم سوراق قىلىنغان. مەكتەپنىڭ 80-يىللاردىكى پېشقەدەم ئىلمىي مۇدىرى مەمەت تۇرسۇن ئىبراھىم ئەپەندى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك ساقچى دائىرىلىرى كېيىنكى چاغلاردا شۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان باشقا زىيالىيلارنى قايتىلاپ سوراق قىلىش ھەرىكىتىدە بولمىغان. ئەمما 2017-يىلى قەشقەردە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتىدە شۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دولقۇن تۇرسۇنغا ئوخشاش زىيالىيلار ئەڭ دەسلەپكى تۇتقۇن ئوبېيكتلىرىغا ئايلانغان.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى