خوتەن لوپقا جايلاشقان خاۋلىن چاچ بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قوللىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 2020-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئامېرىكانىڭ بارلىق تاموژنا ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدا ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى تۇتۇپ قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، مەزكۇر خەۋەرگە ئاساسەن ئېنىقلاشلار داۋامىدا لوپتا 2018-يىلى قۇرۇلغان «شىنجاڭ خوتەن چاچ مەھسۇلاتلىرى سانائەت باغچىسى» دا مەخسۇس چاچ يىغىش، چاچ ياساش، چاچ بۇيۇملىرى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 30دىن ئارتۇق كارخانا بارلىقى ئاشكارىلانغانىدى. خىتاي تاراتقۇلىرى ئۆزلىرى تارقاتقان ۋىدىيولۇق خەۋەردىن، بۇ چاچ زاۋۇتى سېخلىرىدا نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۆپلىگەن كۆزىتىش كامېرالىرى، خىتايلارنىڭ قاتتىق نازارىتى ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدا جىددىي ئىشلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
لوپتا يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرىنىڭ سېتىش زەنجىرىنى ئېنىقلاش جەريانىدا يەنە لوپ ناھىيەسىدىكى ئوخشىمىغان نامدا قۇرۇلغان بۇ چاچ ياساش شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىدا «لوپ ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت مائارىپ ۋە تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان لاگېردىن تەربىيىلىنىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئىسپاتلانغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئادەم چېچىنى خام ئەشيا قىلىدىغان زاۋۇتلارغا تەمىنلىنىۋاتقان خام ئەشيانىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈلگەن چاچلىرى بولۇش ئېھتىماللىقى مەيدانغا چىققانىدى.
بۇ ھەقتىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىنگلىزچە تورىدا تارقىتىلغاندىن كېيىن، فەيسىبوك ۋە تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ بىر قىسىم خىتاينى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغانىدى.
خىتاينىڭ قانۇنسىز ئادەم ئورگىنى ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەنگلىيەدىكى مۇتەخەسسىس ئېتان گۇتمان ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان جازا لاگېرلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان 10دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق لاگېر شاھىتلىرىدىن ئالغان گۇۋاھلىقلىرىدا ئۇلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ چاچلىرىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋالغانلىقىنى بايان قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ تارىختىكى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىي جازا لاگېرلىرىدا يەھۇدىيلارغا قوللانغان تەدبىرىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغانىدى.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «لوپتا قۇرۇلغان چاچ زاۋۇتلىرى بىلەن لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئېيتقىنىدەك بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ چېچىنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىر يەرگە ئەكەلگەندە ئىختىيارسىز كىشىنى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى دەۋرىدە يەھۇدىيلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قورقۇنچلۇق ئىشلارنى ئەسلىتىدۇ. ھەقىقەتەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقانلىرى ھەتتا چاچ مەسىلىسىدىمۇ ئوخشاشلىققا ئىگە. ئەمما ئۇ دەۋردە تېخنىكا ۋە باشقا جەھەتلەردە تەرەققىيات ھازىرقىدەك بولمىغاچقا ناتسىستلار يەھۇدىيلارنىڭ چېچىنى ياستۇق ۋە ماشىنىنىڭ چاقى دېگەندەك نەرسىلەرگە ئىشلەتكەنىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ چاچ ۋە باشقا ئەزالىرىدىن ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا گۇمان كەتمەيدۇ. بۇ بەكمۇ يىرگىنچلىك».
ناتسىستلارنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن ھايات قالغان يەھۇدىي پائالىيەتچى سامى ستېيگمەن ئەپەندى يېقىنقى كۈنلەردە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئەۋەتكەن يازما ئىنكاسىدا يەھۇدىيلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېر قىسمەتلىرىدىكى بۇ خىل ئوخشاشلىق ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردا چاچلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىۋېلىنىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ زىيانكەشلىك فاشىزم دەۋرىنى ئەسلىتىدۇ» دەيدۇ.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارتىىنى قوبۇل قىلغان سامى مۇنداق دېگەن: «ناتسىستلار گېرمانىيەسى شۇ زاماندا جازا لاگېرلىرىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەر-ئايال، بالىلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەن. ئۇلارنى تۈركۈملەپ گاز بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە كۆيدۈرۈشتىن بۇرۇنمۇ شۇنداق قىلغان. ئۇلارغا ھايۋانلاردىن بەتتەر مۇئامىلە قىلغان، ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن، خورلاپ، ئىشلىتىپ ئۆلتۈرگەن. ئەمەلىيەتتە يەھۇدىيلارنىڭ چېچىنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلىشى بولسا يەھۇدىيلار ئۇچرىغان بۇ زور كۆلەملىك ئېتنىك قىرغىنچىلىقتىكى ناتسىستلارنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ بارغان ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقىدىكى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆرۈلگەن ئەڭ يېنىك بىر جازا ھېسابلىنىدۇ».
يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان شاھىت سامىدىن يەنە ئۆز ۋاقتىدا ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلاردىن يىغىۋالغان چاچلارنى نېمىگە ئىشلەتكەنلىكىنى سورىغىنىدا، ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەممىگە مەلۇملۇق يەھۇدىي پاجىئەسىنىڭ قايتا تەكرارلىنىشى تېخىمۇ ئېغىر پاجىئە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەن يەھۇدىيلار ئۇچرىغان زور قىرغىنچىلىقنى سېلىشتۇرغۇم يوق، ئۇنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما شۇ ۋاقىتتىمۇ يەھۇدىيلارنىڭ چاچلىرىنى يالغان چاچ ياساش ۋە ياستۇق ئىپلەشكە ئىشلىتىلگەن. مەن داۋاملىق ئىنسانلارنى ۋە ھۆكۈمەتلەرنى بۇ خىل قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىۋاتىمەن. ئۇنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى توسۇشنى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۋاراتقان پاجىئەلىرىگە قاراپ مەن ئۇنى جازا لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىمەن. ‹يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى› مەزگىلىدە ناتسىستلار گېرمانىيەسى يەھۇدىيلارغا ھازىرقىدەك ئىلغار پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىگە تايانماي تۇرۇپمۇ قىرغىنچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرغان. مەن مۇتەخەسىس ئەمەس، پەقەت ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقانلارغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ ئەندىشەمنى ئوتتۇرىغا قويسام، بۇ خىل تراگېدىيە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن تەكرارلانسا بۇنىڭ قانداق شەكىلدە بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلماق تەس. شۇڭا پۈتۈن دۇنيا بىرلىكتە ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردىمۇ يەھۇدىيلار ئۇچرىغان تراگېدىيەنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم».
دەرۋەقە ئېتان گۇتمەن ئەپەندىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ چېچىنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدە ئېيتقانلىرى «مۇستەقىللىق تورى» نىڭ 2009 يىلى 3-مارت ئېلان قىلغان، «گېرمانىيە ماشىنا شىركىتى ‹ئۇسچۋىتز› نىڭ چاچلىرىنى ئىشلەتكەن» ناملىق ماقالىسىدىمۇ مىسال ئېلىنغان بولۇپ، ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە گېرمانىيە سانائىتىنىڭ تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى شېفالېر ماشىنا زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا كەم دېگەندە 40 مىڭ ئوسچۋىتز ئۆلۈم لاگېرى مەھبۇسلىرىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ، ناتسىستلار ئىشغال قىلغان پولشادىكى زاۋۇتلاردا توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىغا ئىشلەتكەنلىكى ئەيىبلەنگەن.
بۇ ئەيىبلەشلەر پولشا تارىخچىلىرىنىڭ ئوسچۋىتز مۇزېيىدا بايقىغان يېڭى دەلىل-ئىسپاتلاردىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار پولشانىڭ جەنۇبىدىكى سابىق شېفلېر زاۋۇتىدا لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ چېچىدىن ياسالغان رەختلەرنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئوسچۋىتز مۇزېيىنىڭ تارىخچىسى، دوكتور جەكېك لاچېندرو گېرمانىيەنىڭ دېر سپېگېل تېلېۋىزىيە قانىلىغا مۇنداق دېگەنلىرى نەقىل ئېلىنغان: كىئېرتز (ئىلگىرىكى كاتچېر) بازىرىدىكى سابىق شېفلېر توقۇمىچىلىق ۋە ئارمىيە باك زاپچاسلىرى زاۋۇتىدا مەھبۇسلارنىڭ چېچىدىن ياسالغان 1. 95 توننا رەخت بايقالغان. دېر سپېگېل تېلېۋىزىيەسى ئۆلۈم لاگېرلىرىدىكى تەخمىنەن 40مىڭ مەھبۇسنىڭ قىرقىۋېتىلگەن چاچلىرىنى ناتسىستلارنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى خادىملىرى ئۈچۈن ھەربىي ئەدىيال ۋە پايپاق ياساشقا ئىشلەتكەنلىكىنى سۈرەتلىك ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭغا دائىر سۈرەت ۋە ئىسپاتلىق ئارخىپلار ئوسچۋىتز مۇزېيىدا ھەمدە ۋاشىنگتون ۋە نيۇ-يوركتىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مۇزېيلىرىدا ھازىرمۇ كۆرگەزمە قىلىنماقتىكەن.
كۆرگەزمىلەردە يەنە يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ساق قالغۇچىلاردىن ئېرنېست مىشېل «ناتسىستلارنىڭ جىنايىتىگە قارشى بۇ چاچتىنمۇ يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەيدىغان نەرسە يوق. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ئېيتىشقا تېگىشلىك ھېكايىنىڭ بىر قىسمى.» دېگەن بايانلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن.
شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلار مەسىلىسى ھەمدە 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە بىگۇناھ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا بۇ خىل قىرغىنچىلىقنىڭ قايتا يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەش مەقسىتىدە «ئەمدى قايتىلانمايدۇ!» دەپ جاكارلانغان دۇنياۋى شوئارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماي قېلىۋاتقانلىقى مۇلاھىزە تېمىلىرىدىن بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇش چاقىرىقى بولۇپمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ۋە يەھۇدىيلار تەرىپىدىن كۈچلۈك ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى